ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى تىرامپ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل ئىككى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنى ھىندىستانغا ئەۋەتىپ، خىتايغا قارشى مۇداپىئە لىنىيەسى قۇرۇشنى پىلانلىغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو بىلەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئېسپېر 26-ئۆكتەبىر يېڭى دېھلىغا يېتىپ بارغان. پومپېيو كەچتە ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جايشانكار بىلەن كۆرۈشكەن. سەيشەنبە كۈنى پومپېيو، ئېسپېر ۋە جايشانكار يەنە ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سىنگى بىلەن تۆت كىشىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان. بۇ ئامېرىكا بىلەن ھىندىستاننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ بۇ ئايدىكى ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشى بولۇپ، مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى تۆت دۆلەتنىڭ (ئامېرىكا، ياپونىيە، ھىندىستان ۋە ئاۋسترالىيە) توكيودا ئۆتكۈزگەن يىغىنىغا قاتناشقان. بۇ ئۇچرىشىشتا «قانداق قىلىپ ئۆزئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خىتاينىڭ ھەربىي كېڭەيمىچىلىك ھەرىكىتىنى بىرلىكتە توسىمىز؟» دېگەن سوئال باش تېما بولغان.
ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان زىيارەت كۈن تەرتىپىگە ئاساسەن، پومپېيو ۋە ئېسپېر سەيشەنبە كۈنى ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى بىلەن كۆرۈشىدىغان بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئىتتىپاقداشلارنىڭ ئالاقىسىنى مۇستەھكەملەش تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ھىندىستان بىلەن ئامېرىكا سۈنئىي ھەمراھ ئىستىخبارات كېلىشىمى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بولۇپ، ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى ئالدىنقى ھەپتە كابىنېت يىغىنى چاقىرىپ، كېلىشىم لايىھەسىنى ماقۇللىغان. بۇ كېلىشىم ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن، ھىندىستاننىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىلغار سۈنئىي ھەمراھ سانلىق مەلۇماتلىرى ۋە سۈرەتلىرىدىن پايدىلىنىشىغا يول قويۇلىدىكەن. بۇ ھىندىستاننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قاتارلىق ئىلغار قوراللىرىنىڭ توغرىلىقىنى ئاشۇرۇشقا زور دەرىجىدە ياردەم بېرىدىغان بولۇپ، ھىندىستان بىلەن خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق تېخىمۇ كىچىكلەيدىكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە،2007-يىلدىن باشلاپ، ئامېرىكا ھىندىستانغا 21 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قورال-ياراغ سېتىپ بەرگەن. ۋاشىنگتون ئىزچىل ھىندىستاننى سەزگۈر ئۇچۇرلار ۋە مەخپىيلەشتۈرۈلگەن خەۋەرلەردىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئۈچۈن ئالاقىدار كېلىشىملەرنى ئىمزالاشقا چاقىرغان. بۇنداق بولغاندا ھىندىستاننىڭ ئىلغار ھەربىي ئەسلىھەلىرى تېخىمۇ چوڭ رول ئوينايدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ھىندىستاننى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، پومپېيو يەنە سىرىلانكا ۋە مالدىۋىنى زىيارەت قىلىدىكەن. ھىندى ئوكياندىكى بۇ ئىككى دۆلەت خىتاينىڭ «بىر بەلباغ،بىر يول» سودا پىلانىدىكى مۇھىم رايونلارغا جايلاشقان بولۇپ، خىتاي ئۇ جايلارغا زور مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق نۇرغۇن ئۇل ئەسلىھەلەرنى قۇرغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە بۇ ئىككى دۆلەتنى ئېغىر قەرزگە بوغقان. پومپېيونىڭ ئاسىيا زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى خىتاي بىلەن زېمىن ماجىراسى بار بولغان ھىندونېزىيە، ۋىيېتنام، مالايشىيا، فىلىپپىن، بىرۇنېي ۋە باشقا دۆلەتلەر بولۇپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغۇچىلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.