فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 26-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئامېرىكىدىن ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە ئامېرىكىنىڭ ئالتە ئاخبارات ئورگىنىنى جازالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى ئالتە تاراتقۇ ئورگىنىدىن ھازىردىن باشلاپ يەتتە كۈن ئىچىدە بارلىق خىزمەتچىلەر، مالىيە، تىجارەت ۋە ئۆي-مۈلۈك ھەققىدىكى بارلىق ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغان. تېخى بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئالتە خىتاي تاراتقۇسىنى «چەت ئەللىك ۋاكالەتچىلەر» قاتارىغا كىرگۈزگەن ئىدى.
شەرق تورنىڭ خەۋەرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئېلان قىلغان ئالتە ئامېرىكا تاراتقۇسى ئامېرىكا رادىيو شىركىتى (ABC)، لوس ئانژېلېس ۋاقىت گېزىتى، مىننېسوتا ئاممىۋى رادىيوسى، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى نەشرىيات شىركىتى، ئاخبارات ھەپتىلىكى ۋە ئامېرىكا مەخسۇس خەۋەر ئاگېنتلىقى قاتارلىقلار ئىكەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ خىتاي ئاخبارات ئورگانلىرىنى «چەت ئەللىك ۋاكالەتچىلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش ھەرىكىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئاخبارات ئورگانلىرىنى ۋە ئامېرىكىدىكى خادىملىرىنى باستۇرۇش ۋە كەمسىتىش ئىكەنلىكى، شۇ سەۋەبلىك خىتاي قارشى تەدبىر قوللانغانلىقى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا ئامېرىكا قوللانغان ئۇسۇلنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى چۈشەنچىسى ۋە ئىدىيەۋى بىر تەرەپلىمە قاراشنى ئاساس قىلغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكەت ئارقىلىق خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئوبرازىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە تەھدىت سېلىپ، ئامېرىكىنى خاتالىقىنى دەرھال تۈزىتىشكە چاقىرىدىغانلىقىنى، بولمىسا خىتاينىڭ تېخىمۇ كۆپ چارە قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.