شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 164كە يەتتى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتى» بۈگۈن ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇردا بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 164كە چىققان.

26-ئۆكتەبىر 24 سائەت ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلاردىن 26 كىشى بايقالغان. ئۇلارنىڭ ھەممىسى قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسىدە بولۇپ، ھەممىسى 25-ئۆكتەبىر يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشقانلار ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستان بويىچە ئومۇمىي يۇقۇملانغۇچىلار 164كە يەتكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ھېچقانداق ئالامەت كۆرۈلمىگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، قەشقەردە 14 كۈن ئىلگىرى خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار بار بولۇپ، بۇلارنى ئۆز ۋاقتىدا دائىرىلەر بايقالمىغان. خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى مەلۇم زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان ئىشچى بولغاچقا، باشقا ئىشچىلارغا يۇقتۇرغان.

بۇ خەۋەر 1955 قېتىم كۆرۈلدى
27/10/2020 16:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق