خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن، «خىتاي ئارمىيەسى كۈندىلىك گېزىتى»نىڭ باش بېتىدە ئېلان قىلغان «ھەربىي مەشىقتە كۈچلۈك دۈشمەننى نىشانلاش، دىققەتنى ئۇرۇش تەييارلىقىغا قارىتىش كېرەك» ماۋزۇلۇق ماقالە دىققەت قوزغىغان.
مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ماقالىدە كۈچلۈك ئۇرۇش قىلىش نىيىتى ئىپادىلەنگەن بولۇپ، دىققەتنى ئۇرۇش تەييارلىقىغا مەركەزلەشتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەزكۇر ئوبزور ماقالىسىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: «شى جىنپىڭ يېقىندا پۈتۈن پارتىيە، ئارمىيە ۋە ھەر مىللەت خەلقىدىن ئامېرىكا تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇش ۋە شىمالىي كورىيەگە ياردەم بېرىش داۋامىدا ئۆتكۈزۈلگەن جاپالىق مۇساپىنى ئەسلەشنى تەلەپ قىلدى. چوڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، جەڭ قىلىشقا جۈرئەت قىلىش، جەڭ قىلىشقا ماھىر بولۇش، قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈش ۋە قەيسەرلىك بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك».
ماقالىدە يەنە خىتاي دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېزلىتىش، ئارمىيەنى ھەر تەرەپتىن ھالدا دۇنياۋى ئارمىيەگە ئايلاندۇرۇش كېرەكلىكى، شۇنداق بولغاندا خىتاي مىللىتىنىڭ زور گۈللىنىشىگە، تېخىمۇ كۈچلۈك ئىستراتېگىيەلىك نىشانغا يەتكىلى بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ماقالىدە يەنە ھەربىي ئىشلار كومىتېتى تەربىيەلەش ۋە باشقۇرۇش بۆلۈمى مەسئۇلىنىڭ سۆزى نەقىل ئېلىنىپ: «مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە مۈشكۈل ۋەزىپىلەر ئالدىدا، ھەربىي مەشىق كۈچلۈك رەقىبلەرنى نىشانلىنىشى، ئۇرۇش تەييارلىقىغا مەركەزلىشىشى، دىققەت ھەر ۋاقىت جەڭگە تەييارلىق قىلىشقا قارىتىلىشى كېرەك» دېيىلگەن.