خىتاي ئارمىيەسى ھىندىستاننىڭ 20 ئەسكىرىنى ئەسىرگە ئالدى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 25-ئۆكتەبىر خىتاي ئارمىيەسى ئارۇناچال پرادېش رايونىدا 20 ھىندىستان ئەسكىرىنى ئەسىرگە ئالغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ھىندىستانلىق بىر كىشى 25-ئۆكتەبىر تىۋىتتېر ھېساباتىدا ئارۇناچال پىرادېشنىڭ ئۈستۈنكى رايونى ناچو يېزىسىدا كەم دېگەندە 20 ھىندىستان ئەسكىرىنىڭ خىتاي ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنغانلىقىنى بايان قىلغان. ۋەقە يۈز بەرگەن ئارۇناچال پىرادېش رايونى تىبەتكە قوشنا بولۇپ، ئۈستۈنكى سۇبانسىرى ناھىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىشتاتلارنىڭ كۆپىنچىسى تىبەتنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. خىتاي بۇ رايونلاردا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى دەۋا قىلىۋاتقان بولۇپ، ھىندىستاننىڭ بۇ يەردىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلمىغان.

بۇ يىل 5-ئاينىڭ بېشىدا لاداخنىڭ شەرقىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشتىن كيين ئىككى تەرەپنىڭ ئەسكەرلىرى دائىم توقۇنۇشۇپ قالغان. بۇ يىل 9-ئايدا بەش ھىندىستان پۇقراسى خىتاي ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئارۇناچال پىرادېشنىڭ چېگرا رايونىدا تۇتۇپ كېتىلگەن. ھىندىستاننىڭ تەلىپىدىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغانلار قويۇپ بېرىلگەن. ئەينى ۋاقىتتا خىتاي بۇ بەش كىشىنى «جاسۇس» دەپ ئاتىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ بىر ئەسكىرى مۇشۇ ئاينىڭ 19-كۈنى شەرقىي لاداخنىڭ دېمچوك شەھىرىدە خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئەمەلىي كونترول سىزىقىدىن ئۆتۈپ، ھىندىستان ئارمىيەسى تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنغان بولۇپ، ئەتىسى قويۇپ بېرىلگەن. بۇ خىتاي ئەسكىرى ئۇچۇر ساقلاش ئۈسكۈنىلىرى، ئۇخلاش خالتىسى ۋە يانفون قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ يۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ھىندىستان تەرەپ ئۇنى جاسۇس دەپ گۇمان قىلغان.

بۇ خەۋەر 963 قېتىم كۆرۈلدى
27/10/2020 16:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق