شەرقىي تۈركىستاندىكى يۇقۇم ئەھۋالى گۇمان ۋە ئەندىشە قوزغىماقتا

25-ئۆكتەبىر ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسى» قەشقەردىكى يۇقۇم ئەھۋالى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، 25- ئۆكتەبىر سائەت بىر يېرىمغىچە قەشقەردە يېڭىدىن 137 كىشىنىڭ خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئالدىنقى كۈنلەردە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كونىشەھەر ناھىيەسىدە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن بىر يۇقۇملانغۇچى بايقالغاندىن كېيىن، شۇ جايدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابى يۇقۇملانغۇچى بىلەن ئۇچراشقانلارنى تەكشۈرگەن بولۇپ، 25-ئۆكتەبىرگىچە 137 كىشىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىققان. بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى مەزكۇر يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسى تۇرۇشلۇق زاۋۇت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

خىتاي مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە بۆلۈمىنىڭ 25-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، قەشقەر ۋىلايىتىدە خىتاي ۋىرۇسىغا قارىتا يادرو كىسلاتاسى تەكشۈرۈشى ئومۇميۈزلۈك باشلانغان بولۇپ، نۆۋەتتە تەكشۈرتكەنلەرنىڭ 300 مىڭدىن ئاشقانلىقى، تەكشۈرۈشنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ۋىرۇس ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاشكارىلىنىشىغا ئەگىشىپ، خىتاينىڭ قەشقەر ۋىلايىتىدىكى بىر قىسىم جايلارنى قامال قىلغانلىقى، بارلىق ئۇچۇش لىنىيەلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر تارقىلىشقا باشلىغان.

تىك توكتىن تارقالغان بىر سىندا يەكەن ناھىيەسىدىكى مەلۇم بىر يېزىنىڭ خىتاي ۋىرۇسى بىلەن قامال قىلىنغانلىقى، بۇ جەرياندا شۇ يەردە تۇرۇشلۇق بىر خىتاي، يېزا باشلىقى خىتايدىن «ئۆيگە قامىلىۋاتقانلارنىڭ يەيدىغان-ئىچىدىغان نەرسىلىرى بارمۇ؟» دەپ سوراپ قويغانلىقى ئۈچۈن، يېزا باشلىقىنىڭ «سەن ئىسيان كۆتۈردۈڭ» دېگەن باھانە بىلەن ساقچى چاقىرىپ، سوئال سورىغان خىتاينى قولغا ئالماقچى بولغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتاينىڭ ۋىرۇس سەۋەبلىك شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى قامال قىلىشى، بۇ سەۋەبلىك خەلقنىڭ قاتتىق قىيىنچىلىق ئىچىدە قېلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئەندىشە قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇندىن بۇرۇن خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك يۈرگۈزۈلگەن قامال سىياسىتىدە بىر-ئىككى كۈن بۇرۇن يېمەك-ئىچمەك تولۇقلىۋېلىش ئۇقتۇرۇش قىلىنغان.

بۇلاردىن سىرت، خىتاي «يۇقۇمنى تولۇق تىزگىنلىدۇق» دەپ دەۋا قىلىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، پۈتۈنلەي يېپىق ھالەتتىكى شەرقىي تۈركىستاندا زور تۈركۈمدىكى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ تۇيۇقسىز بايقىلىشى، بۇنىڭ ھىندىستان-خىتاي چېگرا توقۇنۇشى كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتكە ئۇدۇل كېلىشى قاتارلىق ئەھۋاللار تۈرلۈك پەرەزلەرگە سەۋەب بولماقتا.

بۇ خەۋەر 2250 قېتىم كۆرۈلدى
26/10/2020 16:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق