25- ئۆكتەبىر شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى تارقىلىۋاتقان ئىسلامغا، مۇبارەك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قىلىنغان ھاقارەتلەرنى قەتئىي رەت قىلىدىغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا مۇنۇلار بىلدۈرۈلدى: «يېقىنقى كۈنلەردە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا مۇقەددەس دىنىمىزغا ۋە ئىنسانىيەتكە رەھمەت بولۇپ كەلگەن سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھاقارەت قىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈشكە باشلىدى. شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەرقانداق بىر شەخسنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى باھانىسى بىلەن مۇقەددەس دىنىمىز ئىسلامغا ۋە ئىككى دۇنياغا رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھاقارەت قىلىشنى، شۇنداقلا مۇقەددەس دىنىمىزنى ۋە بۇ دىنغا مەنسۇپ بولغان مۇسۇلمانلارنى كىرىزىس ياكى رادىكاللىق دەپ سۈپەتلەپ، ھاقارەت قىلىشىنى قەتئىي رەت قىلىدۇ.
ئىسلام پەيغەمبىرىنى ھەجۋىي قىلىش ئارقىلىق ھاقارەتلەش پىكىر ئەركىنلىكى بولماستىن، بەلكى دۇنياۋى تىنچلىققا، ئىنسانلار ئارا چىقىشىپ ياشاشقا، باشقا دىندىكى ئىنسانلارغا كەڭ قورساق بولۇشقا ۋە ئىنسانىي قېرىنداشلىق روھىنى جانلاندۇرۇشقا چاقىرىدىغان ئىسلام دىنىغا، يەر شارىدىكى بارلىق مۇسۇلمانلارغا ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقتۇر.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەۋزىلى بولغان سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ ماقامىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ھاقارەت قىلغانلارغا قاتتىق نارازىلىقىنى بىلدۈرىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ تۆھمەتلىرىنى قەتئىيلىك بىلەن رەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىگە لايىق ياشاشقا، دىن دۈشمەنلىرىنىڭ بولمىغۇر تۆھمەتلىرىگە ئەمەلىي ياخشى ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە گۈزەل ئەخلاقلىرى بىلەن جاۋاب بېرىشكە، دىنىمىزغا تولۇق ئەمەل قىلىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن قانداق ئۈلگىلىك زات ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن مۆمىنلەرنىڭمۇ قانداق ياخشى كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئارقىلىق پەيغەمبىرىمىزنى قوغداشقا چاقىرىدۇ».