تۆت ئۇيغۇرنىڭ ھىندونېزىيەدىن خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى ئاشكارىلاندى

2015-يىلى ھىندونېزىيەدە قولغا ئېلىنىپ، بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان تۆت ئۇيغۇر ياش يېقىندا قاماق جازاسى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن، لېكىن ئۇلارنىڭ قايسى دۆلەتكە قايتۇرۇش مەسىلىسى ئېنىق ئەمەس بولۇپ، بۇ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ئەندىشە قوزغىغان ئىدى.

بەنار خەۋەرلىرى تورىنىڭ 23-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئىككى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مۇتەخەسسىسى بەرگەن مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر تۆت ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى ئېنىقلانغان.

بۇ تۆت ئۇيغۇر 2015-يىلى ھىندونېزىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن «تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قاتنىشىش» دېگەن گۇمان بىلەن ۋە «چېگرادىن قانۇنسىز كىرىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان ۋە شۇ يىلى سوتلىنىپ، بەش يىللىقتىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. يېقىندا ئۇلارنىڭ جازا مۇددىتى توشقان بولۇپ، خىتاينىڭ تەلىپى بويىچە 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مۇسا كاھان باھان تۈرمىسىدىن كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا، كۆچمەنلەر ئىدارىسىدىن خىتاي دائىرىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكى ئاشكارىلانغان.

بۇ خەۋەر 889 قېتىم كۆرۈلدى
26/10/2020 16:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق