كامبودژا خەلقى خىتاينىڭ كامبودژا ھەربىي بازا قۇرۇش پىلانىغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 23-ئۆكتەبىر بىر تۈركۈم كامبودژا خەلقى خىتاينىڭ كامبودژادا ھەربىي بازا قۇرۇش پىلانىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بىر تۈركۈم پۇقرالار خىتاينىڭ كامبودژادىكى باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا يىغىلىپ، خىتاينىڭ كامبودژادا ھەربىي بازا قۇرۇش پىلانىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. بۇ جەرياندا نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشۇپ يۈز بېرىپ، كەم دېگەندە ئۈچ نامايىشچى قولغا ئېلىنغان.

رويتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نامايىشچىلار كامبودژا بايرىقىنى لەپىلدىتىپ: «بىز خىتاينىڭ كامبودژادا ھەربىي بازا قۇرۇشىغا يول قويمايمىز» دەپ توۋلىغان. ساقچىلار ياڭراتقۇ ئارقىلىق نامايىشچىلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ بەش مىنۇت ئىچىدە تارقىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي كامبودژا بىلەن مەخپىي كېلىشىم ھاسىل قىلغان بولۇپ، پىرىھ سىخانوك شەھىرىدىكى رېئام دېڭىز ئارمىيە بازىسىدا خىتايغا ھەربىي بازا قۇرۇش ئۈچۈن بىر پارچە يەر ئاجرىتىپ بەرگەن ۋە خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ تايلاند قولتۇقىنىڭ چوڭقۇر دېڭىز رايونىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنغان. بىراق كامبودژا ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىنى كۆپ قېتىم رەت قىلىپ، چەت ئەل ئارمىيەسىنىڭ كامبودژا زېمىنىغا كىرىشىنىڭ دۆلەت ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

فىنوم پېن ساقچى دائىرىلىرىنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى نامايىشنىڭ ئالدىن تەستىقلانمىغانلىقىنى، قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ساقچىخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ سوراق قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 935 قېتىم كۆرۈلدى
26/10/2020 16:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق