24-ئۆكتەبىر ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى ئەبۇزەبىدە ئەركىن مۇشتلىشىش مۇسابىقىسىنىڭ بىر نەچچە مەيدان مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە دۇنيا ئەركىن مۇشتلىشىش چېمپىيونى مۇسۇلمان ماھىر ھەبىب نۇرمۇھەممەدوف بىلەن ئامېرىكىلىق چېمپىنون جاستىن گايتجى بىلەن تۇتۇشتى.
يېنىك دەرىجىلىكلەر بويىچە ئەڭ خەتەرلىك رەقىب دەپ قارالغان گايتجى كەسپىي ھاياتىدا 22 مەيدان مۇسابىقىگە چۈشۈپ، 20 مەيدان يەڭگەن. ھەبىب 28 مەيدان مۇسابىقىگە چۈشۈپ، بىر قېتىممۇ يېڭىلمىگەن.
مۇسابىقىنىڭ ئىككىنچى مەيدانىدىن 1:34 مىنۇت ئۆتكەندە ھەبىب رەقىبىنىڭ بوينىدىن چىرماپ، ئۇنى ھوشىدىن كەتكۈزۈپ مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن غەلىبە قازاندى.
ھەبىب مۇسابىقىدىن كېيىن ئويلىمىغان يەردىن ئۆزىنىڭ بۇ كەسىپتىن چېكىنگەنلىكىنى، ئانىسىغا ئاخىرقى قېتىم مەيدانغا چۈشۈش ھەققىدە ۋەدە بەرگەنلىكىنى، ۋەدىسىدە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كەسپىي ھاياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققان بىر ماھىرنىڭ 32 يېشىدا كەسىپتىن چېكىنىشى كەم ئۇچرايدىغان ئەھۋال بولۇپ، مەستانىلەرنى ھەيران قالدۇردى.
ئۈزلۈكسىز غەلىبىسى ئارقىسىدا پۈتۈن دۇنياغا، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا تونۇلغان ھەبىب نۇرمۇھەممەدوف بۇندىن بۇرۇن ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆز قىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مەستانىلىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن ئىدى.