ئاقساراي ئەمەلدارى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى خىتاي تىلىدا ئەيىبلىدى

ياۋروپا خەۋەرلىرى تورىنىڭ 23-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى ماسىيۇ پوتىنگېر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەپ، خىتاي مەدەنىيىتىدە جازا لاگېرلىرىنى ئاقلايدىغان بىرەر ئاساس يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

ئەنگلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر ئەقىل ئامبىرى يىغىنىدا خىتايچە نۇتۇق سۆزلىگەن پوتىنگېر خىتاي خەلقىگە خىتاب قىلىپ: «خىتاي پەلسەپەسىدە، دىنىدا ياكى ئەخلاق ئۆلچەملىرىدە جازا لاگېرلىرى ئۈچۈن ھېچقانداق ئاساس تاپالمىدىم» دېگەن.

پوتىنگېر نۇتۇقىدا يەنە خىتاي پۇقرالىرىنى ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە باشقا مىللەتلەرگە قارىتىۋاتقان سىياسەتلىرى ئۈستىدە، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋاللارنىڭ نېمىشقا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ سۈپەتلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۆزلىرىگە سوئال قويۇپ بېقىشقا چاقىرغان.

ئۇ يەنە خىتايغا قارشى تېخىمۇ كەسكىن پوزىتسىيەدە بولۇش مەسىلىسىدە خەلقئارالىق ئورتاق چۈشەنچىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

ئالدىنقى ھەپتە ئاقساراينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى روبىرت ئوبراين خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا يېقىن بىر جىنايەتنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خەۋەردە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى ئەيىبلەپ كەلگەنلىكى، ئەمما بۈگۈنگە كەلگۈچە خىتاينىڭ قىلمىشىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ياكى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئېتىراپ قىلماي، خىتايغا قارشى تېخىمۇ قاتتىق سۆزلەرنى قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان.

بۇ خەۋەر 845 قېتىم كۆرۈلدى
26/10/2020 15:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق