شىمالىي كورىيە خەلقى خىتايدىن كەلگەن سېرىق ۋىرۇس توزىنىدىن ئاگاھلاندۇرۇلدى

شىمالىي كورىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى پۇقرالارنى خىتايدىن كېلىدىغان «سېرىق ۋىرۇس توزىنى» توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇلاردىن ئۆيىدە ئولتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
دۆلەت كونتروللۇقىدىكى شىمالىي كورېيە مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى (KCTV) چارشەنبە ئالاھىدە ھاۋارايى ئۇقتۇرۇشى تارقىتىپ، سېرىق ۋىرۇس چاڭ-توزانلىرىنىڭ خىتايدىن كېلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن ھەمدە مەملىكەت مىقياسىدا دالا پائالىيەتلىرىنىڭ چەكلەنگەنلىكى ئېلان قىلغان.
رۇسىيەنىڭ جەنۇبىي كورىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى فېيسبۇك سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ: «شىمالىي كورىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى بىزنى ۋە باشقا دىپلوماتلارنى ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنى چاڭ-توزانلىق ھاۋارايىدىن ئاگاھلاندۇردى ۋە بارلىق چەت ئەللىكلەرنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئۆيىدە ئولتۇرۇشنى، دېرىزىنى مەھكەم تاقاشنى تەۋسىيە قىلدى» دېگەن.

 

بۇ خەۋەر 1184 قېتىم كۆرۈلدى
24/10/2020 15:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق