خىتاي شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە يەنە دوكلات ئېلان قىلىپ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇندى

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئومۇميۈزلۈك مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ، قۇل ئورنىدا ئىشلىتىش قىلمىشى خەلقئارادا كۈچلۈك كۈنتەرتىپكە كەلگەن، خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينى ھەمدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان قىزغىن قىلىش جىنايىتىنى تونۇپ يېتىشكە باشلىغان بىر پەيتتە، ئاتالمىش «شىنجاڭ تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى» 20-ئۆكتەبىر «شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى»نى ئېلان قىلغان.

دوكلاتتا خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نامىدا مەجبۇرىي قۇل قىلىپ ئەمگەككە سېلىش جىنايىتىنى يالغان-ياۋىداقلار بىلەن ئاقلاپ، كەڭ كۆلەملىك مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئەھۋالىنىڭ پۈتۈنلەي مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشتا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، دائىرىلەر بولسا ئاممىنىڭ تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى، ئىنسانىي ھوقۇقنىڭ كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ مەركەزدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەمگەك ئەھۋالىنى ئەمەلىي تەكشۈرگەنلىكى، تەكشۈرۈش ئارقىلىق رايوندىكى مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەلىپى بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئىگىلىگەنلىكىگە ئوخشاش يالغان-ياۋىداقلار تىلغا ئېلىنغان.

كۆزەتكۈچىلەر خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە قاتناشقان كىشىلەرنىڭ گۇۋاھلىقى، مۇخبىرلار ۋە ئىنسانىي ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىشەنچلىك دوكلاتى ئارقىلىق خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايەتلىرىنى بىلىپ يەتكەنلىكىنى، بۇندىن كېيىن خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالدىشىنىڭ قىيىنغا توختايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 2643 قېتىم كۆرۈلدى
24/10/2020 15:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق