خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا كوپىراتسىيە تۈزۈمىنى قايتىدىن تىرىلدۈرمەكتە

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 23-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» باھانىسى بىلەن ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60- يىللىرى يولغا قويغان كوپىراتسىيە تۈرۈمىنى شەرقىي تۈركىستاندا قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، خەلقىنىڭ بارلىق ياشاش ئىمكانىيەتلىرىنى تولۇق كونترول قىلىشقا باشلىغان.

خەۋەردە، «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش»، «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا قەشقەر شەھىرىگە كۆپلىگەن زاۋۇت-كارخانىلارنىڭ قۇرۇلغانلىقى، ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ كۆپەيگەنلىكى، خەلقنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلانغانلىقى بايان قىلىنغان بولۇپ، كوپىراتسىيە تۈزۈمىنىڭ قايتىدىن يولغا قويۇلۇپ، جانلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ ئۆتكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى بىلەن ماس ھالدا ئاتالمىش «نامراتلارنى يۆلەش زاۋۇتى، بالىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش ئورنى، بەخت چوڭ قورۇسى» قاتارلىق ئورۇنلار تەسىس قىلىنغان. بۇنىڭدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى، پەرزەنتلىرىنىڭ يىغىۋېلىنىپ، خىتايلاشتۇرۇش مائارىپى بويىچە تەربىيەلىنىۋاتقانلىقى، خەلقنىڭ ياشاش ۋاسىتىسى بولغان مال-چارۋا، تېرىلغۇ يەرلىرىنىڭمۇ مەجبۇرىي تارتىۋېلىنغانلىقى مەلۇم بولغان.

خەۋەردە تىلغا ئېلىنغان قەشقەر شەھىرىنىڭ پاختەكلى يېزىسى سوغۇلۇق كەنتىدىكى گۈلبەھرەم مەتسەيدىنىڭ: «ئۆيدىكى قوي-كالىلارنى باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ھاۋالىلىك باشقۇرۇشىغا بەردۇق، ئازغىنە يەرنىمۇ ئوبوروت قىلىۋەتتۇق، تېخى يەسلىگە كىرمىگەن بالىلارغا كەنتتىن مەخسۇس ئادەم قارايدىغان بولدى» دېگەن سۆزلىرى بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ ئېنىق ئىسپاتلاپ بەرگەن.

خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئاتالمىش «قەشقەر شىمالىي كەسىپلەر باغچىسى»دا 46 كارخانا بار بولۇپ، پۈتۈن شەھەردىن 22 مىڭ ئاھالە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنماقتا ئىكەن.

قەشقەر شەھىرىدە يەنە ئاتالمىش «ئىستىقبال باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى»، «قەلبداشلار باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى» قاتارلىق 13 باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغان. بۇ كوپىراتىپلارغا پۈتۈن شەھەردىكى 4900دىن ئارتۇق ئائىلىنىڭ 31 مىڭ تۇياق قويى «ئۈچ يىل ھاۋالىلىك بېقىش» نامىدا مەجبۇرىي ئۆتكۈزۈۋېلىنغان. قەشقەر شەھىرىدە يەنە ئاتالمىش «بالىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش» ئورنىدىن 141ى، ئاتالمىش «يېزا-كەنت بەخت ياشانغانلار ساناتورىيەسى»دىن 94ى قۇرۇپ چىقىلغان.

خىتاي نۆۋەتتە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى سانسىزلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كوپىراتسىيە تۈزۈمىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىنى يولغا قويۇۋاتقان بولۇپ، كېڭەيتىپ ئىجرا قىلىشقا باشلىغان. خىتاي ئالدىنقى ئەسىردە ئاتالمىش «كوپىراتسىيەگە پاي قوشۇش» دېگەن باھانە بىلەن خەلقىنىڭ بارلىق چارۋا-ماللىرىنى مەجبۇرىي ئۆتكۈزۈۋالغان بولسا، ئەمدىلىكتە ئاتالمىش «ھاۋالىلىك بېقىپ بېرىش» نامىدا خەلقنىڭ چارۋا-ماللىرىنى يىغىۋالماقتا. بۇلاردىن سىرت، يەنە «ھاۋالىلىك بېقىش ئورنى» دېگەن نام بىلەن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى مەجبۇرىي ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىپ، ئائىلە تەربىيەسىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قىلىپ، خىتايلاشتۇرۇش مائارىپى بويىچە تەربىيەلىمەكتە.

بۇ خەۋەر 2732 قېتىم كۆرۈلدى
24/10/2020 15:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق