خىتاينىڭ شىمالى كورىيەگە پۇل يۇيۇپ بەرگەنلىكى ئاشكارىلاندى

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ 23-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىكى خىتاينىڭ كۆرۈنۈشتە باشقا دۆلەتلەر بىلەن شىمالى كورىيەگە جازا يۈرگۈزگەندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما شىمالى كورىيەنىڭ جازادىن قېچىش ۋە ھەربىي تەرەققىيات مەبلىغىگە ئېرىشىشىگە مەخپىي ياردەم بەرگەنلىكىنى ئەيىبلىگەن.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى كاتىپى جون دېمېرس ۋاشىنگتوندىكى ئەقىل ئامبىرى يىغىلىشىدا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شىمالىي كورىيەنىڭ خەلقئارا يولغان قويغان جازادىن قېچىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇل ئەسلىھەلىرى ياكى تېخنىكا ياردىمى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى، شۇڭا شىمالى كورىيە پۇل يۇيۇش ئارقىلىق كېرەكلىك مەبلەغ ياكى مالغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

دېمېرسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھازىر ئىككى يۈزلىمىلىك قىلىۋاتقان بولۇپ، بىر تەرەپتىن شىمالىي كورىيەنىڭ خەلقئارالىق جازادىن قېچىشىنى قوللىغان، يەنە بىر تەرەپتىن شىمالىي كورىيەنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئاسترىتتىن كۈچەپ كەلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل مارتتا ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىكى ئىككى خىتاينى شىمالى كورىيەگە ۋاكالىتەن 100 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى مەخپىي پۇلنى يۇغان، دەپ ئەيىبلىگەن. ئامېرىكا يەنە شىمالىي كورىيەنىڭ قانداق قىلىپ خاككېرلار ئارقىلىق جازادىن قاچقانلىقىنى ئىنچىكە تەتقىق قىلغان.

ب د ت دىكى جازا ئىجرا قىلىنىشنى نازارەت قىلىدىغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇلتۇر شىمالىي كورىيە ھەربىي پىلانى ئۈچۈن، تور ھۇجۇمى ئارقىلىق بانكا ۋە مەخپىي پۇل سودىسىدىن تەخمىنەن ئىككى مىليارد دوللار مەبلەغكە ئېرىشكەن.

بۇ خەۋەر 1015 قېتىم كۆرۈلدى
24/10/2020 15:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق