ئامېرىكىلىقلار خىتاينىڭ تۇتقۇن قىلىشىدىن ئەنسىرەپ قايتىپ كېتىشكە باشلىغان

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتايدىكى ئامېرىكىلىقلار خىتاينىڭ تۇتقۇن قىلىپ ئۆچ ئېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئامېرىكىغا قايتىشقا باشلىغان.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالدىنقى كۈنلەردە خىتاي دائىرىلىرى ئەگەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ھەربىي مۇتەخەسسىسلىرىنى ئەرز قىلسا، ئامېرىكا پۇقرالىرىنى قولغا ئېلىش ئارقىلىق ئۆچ ئالىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغان. گەرچە خىتاي ئەمەلدارلىرى بۇ خەۋەرنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ ئۇزۇندىن بۇيان چەتئەل پۇقرالىرىنى «تۇتقۇن» قىلىپ، گۆرۈگە ئېلىپ كەلگەنلكىنى بىلدۈرۈشكەن. خىتاي مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر قىسىم ئامېرىكىلىق ئالىملار يېقىندا خىتاينىڭ كېيىنكى نىشانى بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئىقتىسادى ۋە پۇل-مۇئامىلە بازىرىنى تەتقىق قىلغۇچىلارنىڭ باشلامچىلاردىن بىرى دەپ قارىلىدىغان كىرىس بالدىڭ ۋىيېتنام فۇلبرايت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ ئالدىنقى ئايدا توختام مۇددىتى توشماستىنلا ئامېرىكىغا قايتىپ كەتكەن. ئۇ بۇ يىل 9-ئايدا تور بىخەتەرلىك تېخنىكا شىركىتى بىلەن بىرلىكتە خىتاينىڭ شېنجېن جېنخۇا سانلىق مەلۇمات شىركىتىنىڭ چەت ئەللىكلەرنىڭ غايەت زور شەخسىي سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى ئانالىز قىلىش ئەھۋالىنى ئېلان قىلغان ۋە بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ خەلقئاراغا تەسىر كۆرسىتىش ۋە كونترول قىلىش ئۈچۈن، چەت ئەلدىن زور مىقداردا شەخسىي سانلىق مەلۇماتلارنى توپلىغانلىقى توغرىسىدىكى پەرەزنى تۇنجى قېتىم ئىسپاتلىغان.

بالدىڭ بۇ ھەقتە توختىلىپ، مەزكۇر ئۇچۇر ئامبىرىنى تەھلىل قىلىشقا قاتناشقان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ خىتاينىڭ بېسىمىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، مەزكۇر شىركەتنىڭ تەتقىقات خىزمىتى خىتاي ئارمىيەسى ۋە خىتاي بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، ۋىيېتنامنىڭ خىتاي بىلەن ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسى بار ئىكەنلىكىنى، خىتاي ئىستىخبارات خادىملىرىنىڭ ۋىيېتنامدا ناھايىتى ئاكتىپ ئىكەنلىكىنى، شۇ سەۋەبلىك ئايالى ۋە بالىلىرىنى ئېلىپ كېتىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 1067 قېتىم كۆرۈلدى
23/10/2020 17:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق