خىتاي باياناتچىسى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ داۋاملىق ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 22-ئۆكتەبىر مۇخبىرلارنىڭ «مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا شىنجاڭ ئەمەلدارلىرى خىتاي ئورتاق ئىدىيەسى تەربىيەسىنى كۈچەيتىشكە چاقىرىق قىلدى. بۇ چاقىرىق شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرنىڭ داۋاملىق كېڭەيتىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟ قايتا تەربىيەلەش مەركىزىدە يەنە قانچىلىك ئادەم ئوقۇۋاتىدۇ؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بەرگەن.

جاۋ لىجيەن جاۋابىدا: «شىنجاڭدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە رادىكاللىقنى تۈگىتىش كۈرىشى مۇھىم باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۇدا تۆت يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرى يۈز بەرمىدى. شىنجاڭدا ئۈچ خىل كۈچ ۋە ئۇلارنىڭ تەسىرى يەنىلا مەۋجۇت. شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرى ھەر تەرەپتە ۋەقە تۇغدۇرۇۋاتىدۇ. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە رادىكاللىقنى تۈگىتىش كۈرىشىدىكى ۋەزىيەت يەنىلا ئېغىر ۋە مۇرەككەپ. بۇ رايوننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن داۋاملىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە رادىكاللىقنى تۈگىتىش كۈرىشى داۋاملىق قانات يايدۇرۇلىدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

جاۋ لىجيەن سۆزىدە يەنە بۇرۇنقى يالغان سۆزلىرىنى تەكرارلىغان ھالدا: «سىز تىلغا ئالغان قايتا تەربىيەلەش مەركىزى دىنىي ئاشقۇنلۇق بىلەن يۇقۇملىنىپ، يېنىك جىنايەت ئۆتكۈزگەن كىشىلەرگە قارىتىلغان. ئۇ يەردە ئاساسلىق خىتاي تىلى، قانۇن بىلىملىرى، كەسپىي ماھارەت ئۆگىتىلىدۇ» دەپ بىلجىرلىغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ خەلقئارانىڭ كۈچلۈك ئەيىبلەشلىرىگە، ئېمبارگو يۈرگۈزۈشىگە، خەلقئارا سەھنىلەردە چەتكە قېقىلىشىغا قارىماي، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاتالمىش «تېررورچى، ئەسەبىي» دېگەن تۆھمەتلەر بىلەن قىرغىن قىلىش نىيىتىدىن قىلچە تەۋرەنمىگەنلىكىنى، خىتايغا نىسبەتەن خەلقئارالىق ئەيىبلەشلەرنىڭ، تۈرلۈك جازالارنىڭ كارغا كەلمىگەنلىكىنى، ھازىر مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بىر نىيەتتە تېخىمۇ جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنىڭ مۇھىم پەيتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 3084 قېتىم كۆرۈلدى
23/10/2020 17:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق