ۋال كوچىسى گېزىتى: دۇنيا سودا تەشكىلاتى خىتاينى ئۆزگەرتەلمىدى

ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ 22-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ خىتاينىڭ ئۆزگەرتىشكە قادىر بولالمىغانلىقى، بۇ سەۋەبلىك ئامېرىكىنىڭ باشقىچە يول تۇتقانلىقى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، دونالد تىرامپ 2018-يىلى خىتاي تاۋارلىرىغا يۇقىرى دەرىجىدە تاموژنا بېجى قويغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ سودا شېرىكلىرى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز قىلغان. ئالدىنقى ئايدا دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بىر مۇتەخەسسىسلەر ھەيئىتى خىتاينى قوللاپ قارار چىقىرىپ، ئامېرىكىنىڭ كۆپ قىسىم تاموژنا بېجىنىڭ تەشكىلات قائىدىسىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ غەلىبىسى قۇرۇق غەلىبە بولۇپ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بۇ ھۆكۈمگە قارشى نارازىلىق ئەرزى سۇنۇشقا بولىدىكەن. بۇ ئەرز سۇنىدىغان ئورگان دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئالىي سوت مەھكىمىسىگە باراۋەر بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا يېڭى ئەزالارنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشىنى چەكلىگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ ئورگان ھازىر نورمال خىزمەت قىلالمايدىكەن. شۇڭلاشقا ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنى بەلگىلەيدىغىنى دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئەمەس، بەلكى ئىككى تەرەپ 1-ئايدا ھاسىل قىلغان «بىرىنچى باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمى» ئىكەن.

خەۋەردە بۇ نەتىجىلەرنىڭ تىرامپ ھۆكۈمىتى 2017-يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان ئىزچىل كۈتۈۋاتقان ئامېرىكىنىڭ سودا سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش خىيالىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 866 قېتىم كۆرۈلدى
23/10/2020 17:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق