بىرازىلىيە خىتاي ۋاكسىنىسىدىن ۋاز كېچىشنى قارار قىلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 22-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىرازىلىيە 180 گىرادۇس ئۆزگىرىپ، خىتاينىڭ ۋاكسىنىسىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى جەير بولسونارو 21-ئۆكتەبىر فېيسبۇكتا يازما ئېلان قىلىپ: «بىز كېشىڭ بىيوتېخنىكا شىركىتىنىڭ ۋاكسىنىسىنى سېتىۋالمايمىز» دېگەن. بولسونارو يەنە قوللىغۇچىلىرىدىن خىتاي ۋاكسىنىسى سېتىۋالماسلىقنى تەلەپ قىلغان. بىرازىلىيە سەھىيە مىنىستىرلىكى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، بىرازىلىيەنىڭ پەقەت ئەنگلىيە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە زېنېكا گۇرۇھىنىڭ تەجرىبە ۋاكسىنىسىنى ئىشلىتىشنىلا ئويلاشقانلىقىنى، خىتاينىڭ كېشىڭ بىيوتېخنىكا شىركىتى بازارغا سالغان ۋاكسىنىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەمما بۇنىڭدىن ئىلگىرى، بىرازىلىيە خىتاينىڭ كېشىڭ بىيوتېخنىكا شىركىتى بىلەن تەجرىبە ئىشلىرى بىلەن ھەمكارلاشقان بولۇپ، تەخمىنەن 9000 پىدائىيغا خىتاي ۋاكسىنىسى سىناق قىلىنغان. 30-سېنتەبىر ئىككى تەرەپ يەنە 90 مىليون دوللارلىق توختام ئىمزالىغان، خىتاينىڭ كېشىڭ بىيوتېخنىكا شىركىتى بۇ يىل 12-ئايدىلا بىرازىلىيەنى 46 مىليون تال ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلىمەكچى بولغان ئىدى.

تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەش خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالدايدىغان «ۋاكسىنا دىپلوماتىيەسى»نىڭ بىر قىسمى بولۇپ، بۇ يىلنىڭ بېشىدىكى ۋىرۇس يۇقۇمى ئەڭ ئېغىر مەزگىلدە خىتاي دۇنياغا باشلامچى بولۇشتەك ئوبرازىنى تىكلەش ئۈچۈن، ئۆزىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ بالدۇر كونترول قىلىنغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، دۇنياغا «ماسكا دىپلوماتىيەسى» ئىجرا قىلىشقا باشلىغان ئىدى. ئەمما داۋالاش ئەسلىھەلىرىنىڭ سۈپىتىنىڭ ناچار بولۇشى، خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ تەكەببۇر پوزىتسىيەسى خىتاينىڭ ماسكا دىپلوماتىيەسىنىڭ پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.

ئۇنىڭدىن كېيىن، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋاكسىنىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش رىقابىتىگە چۈشكەن.. خىتاي بۇنى ئۆزىنىڭ «ماسكا دىپلوماتىيەسى» نىڭ مەغلۇبىيىتىدىن قۇتۇلۇشنىڭ تارىخىي پۇرسىتى، دەپ تونۇغان. ۋاشىنگتون ئەقىل ئامبىرى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى خۇاڭ يەنجوڭ بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خىتاينىڭ ماسكا دىپلوماتىيەسى مەغلۇپ بولغاندا، "ۋاكسىنا دىپلوماتىيەسى"نى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بىرازىلىيە خىتاي ۋاكسىنىسىدىن ۋاز كېچىش قارارىنىڭ كونكرېت سەۋەبىنى چۈشەندۈرمىگەن بولسىمۇ، تەھلىلچىلەر بىرازىلىيە ئويلاشقان ئاساسلىق ئامىلنىڭ بىرى بىخەتەرلىك مەسىلىسى، دەپ قارىغان. بۇنىڭدىن باشقا جۇغراپىيەلىك سىياسىي ئامىللارمۇ بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

بۇ خەۋەر 912 قېتىم كۆرۈلدى
23/10/2020 17:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق