گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە بىخەتەرلىك ھەمكارلىق ئورگىنى 21-ئۆكتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ تەيۋەنگە يەنە ئۈچ تۈرلۈك قورال سېتىپ بېرىش لايىھەسىنى تەستىقلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، مەزكۇر قوراللارنىڭ ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنەن بىر مىليارد 113 مىليون دوللار بولۇپ، كۆپ ئىستۋوللۇق راكېتا سىستېمىسى، يىراق مۇساپىلىك ھۇجۇمچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە F-16 يېڭى تىپلىق رازۋېدكا كابىنى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى 21-ئۆكتەبىر پارلامېنتقا ئۇقتۇرغان تەيۋەنگە قارىتا ئۈچ تۈرلۈك قورال سېتىش لايىھەسىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 430 مىليون دوللار، 367 مىليون دوللار ۋە بىر مىليارد دوللار ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە بىخەتەرلىك ھەمكارلىق ئورگىنى چارشەنبە ئېلان قىلغان قورال سېتىپ بېرىش لايىھەسىدىن باشقا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەنگە يەنە ئىلغار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، قىرغاققا ئورنىتىلىدىغان پاراخوتقا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇ مىناسى سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىشىدا ئۈمىد بار ئىكەن.
نۆۋەتتە خىتاي تەرەپ ئامېرىكىنى بۇ ھەرىكىتىگە قارىتا ئىنكاس بىلدۈرمىگەن.
ئاقساراينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى روبىرت ئوبرېين ئالدىنقى ھەپتە خىتاينىڭ ھازىرچە تەيۋەنگە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەسلىكىنى، شۇنداقتىمۇ تەيۋەننىڭ ئۆز مۇداپىئە كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، كەلگۈسىدىكى خەتەرگە تەييارلىق قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.