خىتاي ئۈرۈمچىدىن خىتاينىڭ شىئەنگە بىۋاسىتە بارىدىغان پويىز تۇتاشتۇردى

خىتاي خەلق تورىنىڭ 18- ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستان خىتايلاشتۈرۇشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچىدىن خىتاينىڭ شىئەنگە بىۋاسىتە بارىدىغان ئوقپويىز تۇتاشتۇرۇپ قاتناش باشلىغان.

 بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىن خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسى شىئەنگە بىۋاسىتە قاتنايدىغان ئوقپويىز تۇنجى قاتناش باشلىغان. بۇ يولنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 2354 كىلومېتىر بولۇپ، ئۈرۈمچىدىن شىئەنگە 13 سائەتتە يېتىپ بارىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ لەنجۇ بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئارىسىدا قاتنايدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىدا قاتناش باشلانغان ئالتە يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىن خىتاي ئۆلكىسىگە قاراپ يولغا چىقىدىغان 2- قېتىملىق ئوقپويىز بولۇپ، ئەتىگىنى ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ، كەچتە شىئەنگە يېتىپ بارالايدىكەن .

كۆزەتكۈچىلەر : خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەر خىل تۆھمەتلەر بىلەن لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى تارتىۋېلىپ خىتاي كۆچمەنلىرىگە بۆلۈپ بەرگەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاندىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە تۇتىشىدىغان يوللارنى كۈچەپ راۋانلاشتۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئادەم ئازلاپ كەتكەن شەھەر يېزىلارغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى يەرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 2998 قېتىم كۆرۈلدى
22/10/2020 15:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق