ئامېرىكا خىتاينىڭ ئالتە تاراتقۇسىنى چەتئەل ۋاكالەت ئورگىنى قاتارىغا كىرگۈزدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو خىتاينىڭ ئامېرىكىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئالتە تاراتقۇسىنىڭ «چەتئەل ۋاكالەت ئورگىنى» قاتارىغا كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

خەۋەر بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى خىتاينىڭ ئامېرىكىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان «يەرشارى مالىيەسى»، «ئازادلىق كۈندىلىك گېزىتى»، «شىنمىن كەچلىك گېزىتى»، «خىتاي ئىجتىمائىي پەن گېزىتى»، «بېيجىڭ ھەپتىلىك گېزىتى» ۋە «ئىقتىساد كۈندىلىك گېزىتى» قاتارلىقلار ئالتە تاراتقۇسىنى «چەتئەل ۋاكالەت ئورگىنى» قاتارىغا كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

پومپېيو ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، بۇ تاراتقۇلارنىڭ ئەمەلىيەتتە چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا ياكى كونتروللۇقىدا ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدا ئېلان قىلىنغان مەزمۇنلىرىغا ھېچقانداق چەكلىمە قويمايدىغانلىقىنى، بىراق ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پەقەت ئامېرىكىلىق ئوقۇرمەنلەر ۋە ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئەركىن تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرى بىلەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقاتلىرىنى پەرقلەندۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ئوتاگاسنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۆتكەن ئون يىلدا، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن بېيجىڭ دۆلەت تاراتقۇلىرىغا بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى مۇستەقىل ئاخبارات تەشكىلاتى دەپ سۈپەتلەشكە ئۇرۇنغان.

ئوتاگاس يەنە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ مەقسىتىنىڭ ئامېرىكىدىكى ئەركىن تاراتقۇلارنى قوغداش ۋە ئامېرىكا خەلقى ئوقۇۋاتقان خەۋەرلەرنىڭ ئەركىن ئاخبارات ياكى يامان غەرەزلىك چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرىدىن كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى بىلىشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىكەنلىكىنى، چەت ئەل ۋاكالەت ئورگىنى قاتارىغا تىزىلغان ئورۇنلارنىڭ چوقۇم كونكرېت بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىشى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئامېرىكىدىكى ئاخبارات پائالىيەتلىرىنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرالايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان «چەتئەل ۋاكالەت ئورگانلىرى» ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنىغا ئاساسەن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىزمەتچىلەرنىڭ تىزىملىكى بىلەن تەمىنلىشى ھەمدە ھازىرقى ئۆي-مۈلۈكنى تىزىملىتىشى، يېڭى ئۆي-مۈلۈك سېتىۋېلىش ياكى ئىجارىگە بېرىشتىن بۇرۇن چوقۇم تەستىقتىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك ئىكەن.

بۇ خەۋەر 858 قېتىم كۆرۈلدى
22/10/2020 15:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق