ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شىۋېتسىيە خىتاي شىركىتى خۇاۋېي ۋە جۇڭشىڭ (ZTE) تېلېگراف ئەسلىھەلىرىنىڭ 5G تورىغا كىرىشىنى چەكلەشنى قارار قىلغان.
شىۋېتسىيەنىڭ پوچتا ۋە تېلېگراف باشقۇرۇش ئىدارىسى مەسئۇللىرىنىڭ ئېيتىشىچە، سەيشەنبە كۈنىدىكى قارار دۆلەتنىڭ ھەربىي ۋە بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ مەسلىھەتى بىلەن چىقىرىلغان بولۇپ، ئۇلار خىتاينى شىۋېتسىيە دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ تەھدىتلەرنىڭ بىرى، دەپ ئاتىغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، شىۋېتسىيە 10-نويابىر 5G تورى چاستوتا ئىسپېكتىرىنى كىمئارتۇق قىلىپ ساتىدىكەن. سودىغا تۆت شىركەت قاتنىشىدىغان بولۇپ، پوچتا ۋە تېلېگراف باشقۇرۇش ئىدارىسى كىمئارتۇق سودىسىغا قاتناشقان شىركەتلەردىن 2025-يىلى 1-يانۋاردىن بۇرۇن خىتاينىڭ خۇاۋېي ۋە جۇڭشىڭنىڭ ئۈسكۈنىلىرىنى ھازىر بار بولغان ئۇل ئەسلىھەلەردىن ۋە يادرولۇق سىستېمىدىن چىقىرىپ تاشلاشنى تەلەپ قىلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە ئەسلىدە بۇ يىل يىل بېشىدا خۇاۋېينىڭ 5G تورىنىڭ قۇرۇلۇشىغا چەكلىك ئاساستا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىشنى قارار قىلغان، ئەمما جونسون ھۆكۈمىتى بۇ يىل 7-ئايدا قارارىنى ئۆزگەرتىپ، خۇاۋېي ئۈسكۈنىلىرىنى 2027-يىلغىچە ئەنگلىيەنىڭ 5G تورىدىن پۈتۈنلەي چىقىرىۋېتىشكە بۇيرۇغان بولۇپ، خىتاينىڭ خۇاۋېي ئۈسكۈنىلىرىنى چەكلەشتە ياۋروپادىكى تۇنجى دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ئامېرىكا «پاكىز تور» ھەرىكىتىنى باشلىغاندىن بۇيان، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو ۋە باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار زىيارەتتە بولغان باشقا دۆلەتلەرنى بۇ ھەرىكەتكە قاتنىشىشقا قايىل قىلىپ، «ئىشەنچسىز» خىتاي ئۈسكۈنىلىرى ۋە تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى پۈتۈنلەي چەكلىگەن. پومپېيو مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى 25 دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 40 نەچچە دۆلەت ۋە 50 تېلېگراف شىركىتى "پاكىز تور ھەرىكىتى"گە قوشۇلدى» دېگەن. بەزى دۆلەتلەرنىڭ تېلېگراف شىركەتلىرى G5 تورى تېخنىكىسىدا ئېرىكسون شىركىتىنى، يەنە بەزىلىرى بولسا نوكىيانى تاللىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تېلېگرافنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى سەيشەنبە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، خىتايدىكى چەت ئەل تېلېگراف شىركەتلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق نازارەت قىلىشقا چاقىرغان. بۇ بەلكىم خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.