ئۈچ دۆلەت خىتايغا قارشى بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيە ئۈچ دۆلەت جەنۇبىي دېڭىزدا خىتايغا قارشى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋر ئۆتكۈزگەن.

ئامېرىكا يەتتىنچى فىلوتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ يەتتىنچى فىلوتى 19-ئۆكتەبىر ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيە بىلەن بىرلىكتە بۇ يىل بەشىنچى قېتىملىق ئۈچ تەرەپ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنى جەنۇبىي دېڭىزدىكى يەتتىنچى فىلوت جەڭ رايونىدا ئۆتكۈزگەن.

رويتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ھەربىي مانېۋىر ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا «ئەركىنلىك ۋە ئېچىۋېتىش»نى قوغداش چاقىرىقىنى كۈچەيتىۋاتقان، تاشقى دۇنيا خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى ئۆز بېشىمچىلىق ھەرىكىتىدىن ئەنسىرەۋاتقان پەيتكە توغرا كەلگەن.

ئامېرىكا يەتتىنچى فىلوتى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «جون ئېس مېكېين» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلىك قوغلىغۇچى پاراخوتى، ياپونىيە دېڭىز-ئوكيان مۇداپىئە قىسمىنىڭ «تۇمانلىق يامغۇر» ناملىق قوغدىغۇچى پاراخوتى ۋە ئاۋسترالىيە خان جەمەتى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «ئارۇنتا» ناملىق پاراخوتى بۇ قېتىملىق مانېۋىرغا قاتناشقان. قاتناشقان دۆلەتلەر بىرلىكتە قۇرۇقلۇق، سۇ ئاستى ۋە ھاۋا مۇداپىئە مەشىقى قاتارلىق ئۈچ تەرەپ بىرلەشمە مانېۋىرى ۋە باشقا ھەر خىل مەشىق پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي جەنۇبىي دېڭىزدىكى تەسىرىنى كېڭەيتىشكە تىرىشىپ، بۇ رايوننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى جار سالغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەزى ئاراللار ۋە خادا تاشلاردا ھەربىي ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتكەن. خىتاينىڭ دېڭىز-ئوكياندىكى ھەرىكەتلىرى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ كۆپ قېتىم غەزىپىنى قوزغىغان. بۇ يىل 4-ئاينىڭ بېشىدا خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتى خىتاي بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ھەر ئىككىسى «ئىگىلىك ھوقۇقىمىز بار» دەپ دەۋا قىلىدىغان پاراسېل ئارىلى ئەتراپىدا ۋىيېتنامنىڭ بېلىقچىلىق كېمىسىنى چۆكتۈرۈۋەتكەن. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ ئۈچ ئۇرۇش پاراخوتى ۋە ئاۋسترالىيە پاراخوتى جەنۇبىي دېڭىزدا بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى دۈشەنبە كۈنى ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ 11--ئايدا ئامېرىكا، ھىندىستان ۋە ياپونىيە بىلەن بىرلىكتە مالابار ھەربىي مانېۋىرىغا قاتنىشىش تەكلىپىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئېچىۋېتىلگەن، تەرەققىي قىلغان ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىغا بولغان قوللاش ئىرادىسىنى بىلدۈرگەن. مۆلچەرلىنىشىچە، نويابىردىكى تۆت دۆلەت ھەربىي مانېۋىرى يەنە بىر قېتىم خىتاينىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

بۇ خەۋەر 913 قېتىم كۆرۈلدى
21/10/2020 17:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق