تۈركىيە مىللىيەت گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سورونباي جېنبېكوف ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سورونباي جېنبېكوف تۈرمىدىن چىقىرىلىپ، باش مىنىستىرلىق ئورنىغا ئولتۇرغۇزۇلغان سابىق پارلامېنت ئەزاسى سادىر جاپاروفنىڭ ھۆكۈمەت قۇرۇلمىسى ۋە پىروگراممىسىنىڭ تەستىقلىنىشى ئۈچۈن پارلامېنت تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن قارارنامىسىنى تۈنۈگۈن رەت قىلغان.
باش مىنىستىر نامزاتى ۋە ئىچكى كابىنېت ئەزالىرى ئۈچۈن بېلەت تاشلىنىدىغان پەۋقۇلئاددە پارلامېنت يىغىنىغا 51 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ قاتناشقانلىقى، 10 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ۋاكالەتنامە ئەۋەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، باش مىنىستىر كاندىداتى ھۆكۈمەت پىروگراممىسى، قۇرۇلمىسى ۋە كابىنېت ئەزالىرى ئۈچۈن بېلەت تاشلاشقا كەم دېگەندە 61 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ بىۋاسىتە قاتنىشىشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
4-ئۆكتەبىر قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمى نەتىجىسىنىڭ بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان ئۆكتىچىلەرنىڭ نامايىشى زوراۋانلىققا ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن، پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ۋە پارلامېنت بىناسى ئىگىلىۋېلىنغان ۋە بۇلاڭ- تالاڭ قىلىنغانىدى.
نامايىشچىلارنىڭ بىر قىسمى «ۋالىينى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ۋە نامايىش تەشكىللەش» سەۋەبىدىن تۈرمىگە تاشلانغان ئاتا يۇرت پارتىيەسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى سادىر جاپاروفنى تۈرمىدىن چىقىرىپ، شۇ كۈنى ئۇنى باش مىنىستىرلىق ئورنىغا ئولتۇرغۇزغانىدى.