ئەنگلىيە: خىتاي ئەنگلىيە ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەتلىك زور تەھدىت

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە دۆلەت ئىچى ئىستىخبارات ئورگىنى MI5 نىڭ مەسئۇلى: «ئەنگلىيە دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تەھدىت خىتايدىن كېلىدۇ»دېگەن.

MI5 نىڭ مەسئۇلى كېن مىكالۇم لوندوندىكى ئاممىۋى نۇتۇقىدا : «رۇسىيە ھازىر ئەنگلىيە دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ دۆلەت تەھدىتى، ئەمما خىتاي كەلگۈسىدە تېخىمۇ خەتەرلىك بولۇپ قالىدۇ. رۇسىيەنى «ناچار مۇھىت» پەيدا قىلغان بولسا، خىتاي «كىلىماتنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، مىكالۇم ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ مەخپىي پائالىيەتلىرىگە قارشى MI5نىڭ ھەرىكەت دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. شۇنداقلا خىتاينىڭ ئەنگلىيەنىڭ دورا شىركەتلىرى ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى ئوغرىلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە خىتاي، رۇسىيە قاتارلىق دۈشمەن دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش قاتارلىق ئەنئەنىۋى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلەردىن قول ئۈزگەنلىكىنى، ئەنگلىيەنىڭ ئىقتىسادى ۋە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قارشى ھەرىكەت قوللىنىپ، ئەنگلىيە دېموكراتىيەسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مىكالۇم MI5نىڭ مەسئۇلى بولۇشتىن ئىلگىرى 24 يىل ئالاھىدە خادىم بولغان. ئۇ چەتئەل ۋاكالەتچىلىرىنى تىزىملاش تۈزۈمى ئورنىتىشنى، سىياسەتچىلەر، سودا مەسلىھەتچىلىرى ۋە چەتئەلنىڭ ئىش ھەققىنى ئالغان ئادۋوكاتلارنىڭ پائالىيىتىنى تىزىملىتىشىنى تەلەپ قىلغان ۋە بۇ خىل ئارىلىشىشنىڭ جاسۇسلۇق تەھدىتىگە ئوخشىمايدىغان دەرىجىدە بىۋاسىتە زەربە بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 1090 قېتىم كۆرۈلدى
15/10/2020 14:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق