ئامېرىكا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى تىبەتنىڭ ئالاھىدە ماسلاشتۇرغۇچىسى قىلىپ تەيىنلىدى

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تىرامپ ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلدارىنى تىبەتنىڭ ئالاھىدە ماسلاشتۇرغۇچىسى قىلىپ تەيىنلىگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو 14-ئۆكتەبىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك ئىشلىرى ياردەمچىسى روبېرت دېسترونىڭ تىبەتنىڭ ئالاھىدە ماسلاشتۇرغۇچىسى قىلىپ تەيىنلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

پومپېيو بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «بىز ئامېرىكىغا ۋاكالىتەن خىتاي بىلەن دالاي لاما ياكى ئۇنىڭ ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىبەتلەرنىڭ ئۆزگىچە دىنى، مەدەنىيىتى ۋە تىل ئالاھىدىلىكىنى قوغدايمىز ھەمدە ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ ھۆرمەت قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز. ئامېرىكا يەنىلا خىتاينىڭ تىبەت رايونىدىكى باستۇرۇشلىرىغا دىققەت قىلىدۇ» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئىزچىل تۈردە ئامېرىكىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى بىلەن ئالاقىلىشىشنى رەت قىلىپ، بۇنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق، دەپ چىڭ تۇرۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا تىبەتكە ۋەكىل تەيىنلەش مەسىلىسى قىزغىن مۇنازىرە قوزغىغان. سودا، تەيۋەن مەسىلىسى، كىشىلىك ھوقۇق، جەنۇبىي دېڭىز ۋە خىتاي ۋىرۇسى قاتارلىق بىر قاتار تالاش-تارتىشلار سەۋەبلىك خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالغان. 7-ئايدا پومپېيو ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ تىبەتكە كىرىشىنى چەكلەشكە ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتا ۋىزا چەكلىمىسى قويغانلىقىنى، ۋاشىنگتوننىڭ تىبەتنىڭ ھەقىقىي ئاپتونومىيەسىنى قوللايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 998 قېتىم كۆرۈلدى
15/10/2020 14:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق