خىتاي تور ئەركىنلىكىنى چەكلەشتە يەنە ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى «ئەركىنلىك سارىيى» بۈگۈن يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ 65 دۆلەت ئىچىدە يەنە بىر قېتىم تور ئەركىنلىكى ئەڭ ناچار دۆلەت قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

دوكلاتتا بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن ئون يىلدا دۇنيادا تور ئەركىنلىكى داۋاملىق تۆۋەنلىگەن. 2019-يىلى 6-ئايدىن 2020-يىلى 5-ئايغىچە بولغان باھالاش مەزگىلىدە، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى ۋىرۇس يۇقۇمىدىن پايدىلىنىپ تورنى نازارەت قىلىش، سانلىق مەلۇمات توپلاش، تەنقىدىي پىكىرلەرنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ھەرىكەتلىرىنى كېڭەيتكەن، شۇنداقلا يېڭى تېخنىكىلىق ئۇسۇللارنى قوللانغان. بولۇپمۇ خىتاي بۇ جەھەتتە ئالاھىدە كۆزگە چېلىققان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، «ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى دوكلاتى» تەرىپىدىن باھالانغان 65 دۆلەت ئىچىدە كەم دېگەندە 28 دۆلەت ئىجابىي بولمىغان سەھىيە سانلىق مەلۇماتلىرى ۋە ھالقىلىق دوكلاتلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن تور بېكەتلەرنى توسۇۋەتكەن ياكى ئىشلەتكۈچىلەرنى، ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ۋە باشقا تور قاناللىرىنى ئۇچۇر، مەزمۇنلارنى ئۆچۈرۈشكە مەجبۇرلىغان.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، يۇقۇم جەريانىدا 13 دۆلەت تورنى ئۈزۈۋەتكەن، 20 دۆلەت توردىكى پىكىرلەرنى تەكشۈرۈشكە ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارنى كۆپەيتكەن. 45 دۆلەتتە ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك سۆزلەرنى قىلغانلارنى قولغا ئېلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن.

ئەركىنلىك سارىيىنىڭ خىتاي، خوڭكوڭ ۋە تەيۋەن مەسىلىلىرىگە مەسئۇل ئالىي تەتقىقات ئانالىزچىسى سارا كۇكنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تور پىكىر ئەركىنلىكى ناچارلاشقان نۇرغۇن دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ۋىرۇس يۇقۇمى ھۆكۈمەتنىڭ تور ئەركىنلىكىگە ئارىلىشىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. ئەمما خىتاي يۇقۇمدىن ئىلگىرىمۇ قاتتىق كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللانغان بولۇپ، ئىزچىل ھالدا تور ئەركىنلىكىنى كەڭ كۆلەمدە باستۇرغان.

دوكلاتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتايدىكى توردا ئەڭ قاتتىق تەكشۈرۈلگەن تېمىلار خوڭكوڭدىكى نامايىش، تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ 30 يىللىقى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش قاتارلىقلار ئىكەن.

ئەركىنلىك سارىيىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۆتكەن 20 يىلدا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلغان. خىتاي تور ۋە تور سىرتىدا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۆزىتىش كامېراسى تورىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى توپلىغان. بۇ يىل 1-ئايدىن باشلاپ دائىرىلەر ھازىرقى نازارەت ئۈسكۈنىلىرى ۋە بىيولوگىيەلىك ئۇچۇر ئارخىپلىرىنى يېڭىدىن ياسالغان يۇمشاق دېتاللار بىلەن بىرلەشتۈرۈۋەتكەن. خىتايدىكى نۇرغۇن تېخنىكا شىركەتلىرى تېخىمۇ كۆپ ئادەم كۈچى ياللاپ، قانۇنسىز دەپ قارىغان مەزمۇنلارنى كۆزدىن يوقاتقان. سىنا مىكرو بىلوگى، توۋتياۋ ۋە كۇەيشوۋ قاتارلىق ئاساسلىق ئەپ دېتاللار مەخسۇس نازارەت قىلىش ئۈچۈن مىڭلىغان خىزمەتچىلەرنى ياللىغان.

كانادا تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتى پۇقرالار تەجرىبىخانىسى 2019-يىلى 8-ئايدا خىتاي ئەپ دېتالى ئۈندىدارنىڭ رەسىم سۈزۈش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئەگەر ئىشلەتكۈچىلەر سەزگۈر مەزمۇنلارنى رەسىم شەكلىدە چىقارسىمۇ ئوخشاشلا بايقىلىپ قالىدىكەن.

ئەركىنلىك سارىيىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە تەۋە «خەلق گېزىتى»نىڭ تور نۇسخىسى سۈنئىي ئىدراك ئارقىلىق تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچەپ كەلگەن. ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خەلق گېزىتىنىڭ مەسئۇل خادىمى كەلگۈسى ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە خىتاينىڭ نازارەت قىلىش قوشۇنىنىڭ بىر مىليونغا يېتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. دوكلاتتا يەنە ئەلى بابا ۋە تېڭشۈن شىركىتىنىڭمۇ مەزمۇن نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈش تېخنىكىسى ساھەسىدىكى باشلامچىغا ئايلانغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئەركىنلىك سارىيىنىڭ 2020-يىللىق ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى دوكلاتىدا، ئىسلاندىيە ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا، ئېستونىيە ۋە كانادا ئىككىنچى ئورۇندا، ئامېرىكا يەتتىنچى ئورۇندا تۇرغان. خىتاي رەت تەرتىپىدە ئۇدا ئالتە يىل ئىران، سۇرىيە، ۋىيېتنام ۋە كۇبانىڭمۇ ئارقىسىغا تىزىلغان.

بۇ خەۋەر 1068 قېتىم كۆرۈلدى
15/10/2020 14:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق