شەيخ ئالاۋۇددىن مەنسۇر 13-ئۆكتەبىر ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنتتە يۈرەك كېسىلى سەۋەبلىك ئالەمدىن ئۆتتى.
مەرھۇم شەيخ ئالاۋۇددىن مەنسۇر ئوتتۇرا ئاسىيادا تونۇلغان ئۆزبېك ئۆلىمالىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ 1952-يىلى قىرغىزىستاننىڭ قاراسۇ شەھىرىدە تۇغۇلغان. سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە رۇس كوممۇنىستلىرىنىڭ دىنغا قارشى يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرى داۋامىدا مەخپىي مەدرىسىلەردە مەرغۇلانلىق مەشھۇر ئۆلىما ھېكىم قارىدا ئىلىم تەھسىل قىلغان. ئوقۇش تاماملىغاندىن كېيىن ئۆلىمالار ۋە خەلق ئارىسىدا «شەيخۇل ئىسلام» دەپ ئاتالغان.
1989-يىللىرى سوۋېت ھاكىمىيىتى پارچىلىنىش ھارپىسىدا تاشكەنتتە نەشر قىلىنغان «گۈلخان» ناملىق ژۇرنالغا مەرھۇمنىڭ «قۇرئان كەرىمنىڭ ئىزاھلىق تەرجىمىسى» سەرلەۋھەلىك ماقالىلىرى بېسىلغان. كېيىن بۇ ماقالىلەر خەلقنىڭ تەلىپى بىلەن ماقالىلەر توپلىمى بولۇپ نەشر قىلىنغان. مەرھۇم 1992-يىلى قۇرئان كەرىمنىڭ ئۆزبېكچە تەرجىمىسىنى تاماملىغان. مەرھۇم ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ يەنە «قۇرئانۇل ئەزىم» ناملىق تەپسىرنى يېزىشقا باشلىغان. مەزكۇر تەپسىر ھازىرغىچە 20 جىلد بېسىپ تارقىتىلغان بولۇپ، قالغان سۈرىلەرنىڭ تەپسىرى تېخى تاماملانمىغان.
ئاللاھ مەرھۇمنىڭ ئىلمىي خىزمەتلىرىنى، بارلىق ئەمەل-ئىبادەتلىرىنى قوبۇل قىلسۇن! ياتقان يېرىنى جەننەتۇل فىردەۋس قىلىپ بەرسۇن!