شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى كۈچەپ ئىجرا قىلىنماقتا

يېقىندا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردا ياشانغان، ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىق ئۇيغۇر ئەر-ئاياللارنىڭ چوڭ بىر سىنىپقا يىغىلىپ ئولتۇرغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قۇچىقىدا كىچىك بالىسىنى كۆتۈرۈۋالغان ئاياللارنىڭمۇ بارلىقى كۆرسىتىلگەن. يەنە بىر سىندا سىنىپتىكى كىشىلەرنىڭ نۆۋەت بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، كوممۇنىست خىتاينى مەدھىيەلەيدىغان ناخشا ئېيتىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

بۈگۈن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان يەنە بىر سىندا بىر توپ ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ مەيدانغا يىغىلغانلىقى ۋە بىر كىشىنىڭ بوينىغا خىتاي دۇمبىقىنى ئېسىۋېلىپ، ئۇلارغا قانداق چېلىشنى ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىلگەن.

مەزكۇر سىنلارنىڭ ھەممىسى كەچ ۋاقتى تارتىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ كېچە ۋاقىتلىرىدىمۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئارامچىلىق بەرمەيۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەردى.

خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى نەچچە يىل ئىچىدە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئالاقىدار بارلىق نەرسىلەرنى كۆزدىن يوقىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن جازا لاگېرىنىڭ سىرتىدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى زورلاپ تېڭىپ، خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى كۈچەپ ئىجرا قىلماقتا.

بۇ خەۋەر 3796 قېتىم كۆرۈلدى
14/10/2020 16:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق