ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئەزالىقىغا سايلانغاندىن كېيىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ب د ت نى «ئوت قويغۇچىلارنى ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىگە قاتناشتۇردى» دەپ ئەيىبلىگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 13- ئۆكتەبىر خىتاي، رۇسىيە ۋە كۇبا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇنى «قاراڭغۇ كۈن» دەپ ئاتىغان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى «مۇستەبىت ھاكىمىيەتنى قوبۇل قىلدى» دەپ ئەيىبلىگەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو يەنە: «ئامېرىكا ئەزەلدىن ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنى ھەرىكەتكە كېلىپ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى ئىسلاھ قىلىشقا چاقىرىپ كەلدى. ئەپسۇسلىنارلىقى، بۇ چاقىرىقلارغا پەرۋا قىلىنمىدى. بۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى خىتاي، رۇسىيە ۋە كۇبا قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ناچار دۆلەتلەرنى يەنە بىر قېتىم ئەزالىققا سايلىدى» دېگەن.
نىيۇيوركتا تۇرۇشلۇق كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ب د ت بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لۇئىس چاربونناۋ: «كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغۇچىلارغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئورۇن بېرىلمەسلىكى كېرەك. خىتاي كىشىلىك ھوقۇقنى قاتتىق دەپسەندە قىلدى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق سىستېمىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى» دېگەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سوفىي رىچاردسون بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «گەرچە خىتاي قايتا سايلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ماقۇللىنىش نىسبىتى ئىلگىرىكىدىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى. خىتاي بۇ قېتىم ئاران 139 ئاۋازغا ئېرىشتى، يەنى ئالدىنقى قېتىملىققا قارىغاندا 41 بېلەت ئاز. يېڭىدىن سايلانغان 15 ئەزا دۆلەت ئىچىدە خىتاي ئەڭ ئاز بېلەتكە ئېرىشتى».
مەلۇم بولۇشىچە، ئالدىنقى ھەپتە ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە كانادادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنى خىتاي، رۇسىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، كۇبا، پاكىستان ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بولۇپ سايلىنىشىغا قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان. شۇنداقلا بۇ دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىلىرى ناچار بولغانلىقى سەۋەبلىك، كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولۇشقا لاياقىتى يوق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 15 يېڭى ئەزاسى مەخپىي ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق سايلانغان بولۇپ، بۇ 15 دۆلەت: بولىۋىيە، ئەنگلىيە، خىتاي، كۇبا، فىرانسىيە، گابون، كوتېدىۋا، مالاۋى، مېكسىكا، نېپال، پاكىستان، رۇسىيە، سېنېگال، ئۇكرائىنا ۋە ئۆزبېكىستان ئىكەن. بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئەزالىق مۇددىتى ئۈچ يىللىق بولۇپ، 2021-يىلى 1-يانۋار باشلىنىدىكەن.