ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 12-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسى چىڭداۋ شەھىرىدە توققۇز مىليون كىشى ۋىرۇسقا قارىتا تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.
چىڭداۋ شەھەرلىك سەھىيە كومىتېتى 12-ئۆكتەبىر ئەتىگەندە شەھەرنىڭ بارلىق خىزمەتچىلەرگە يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش پىلانىنى يولغا قويغانلىقىنى، ئاھالە كومىتېتلىرىنىڭ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى باشلىغانلىقىنى، بەش كۈن ئىچىدە شەھەردىكى توققۇز مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈشنىڭ تاماملىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
چىڭداۋ سەھىيە كومىتېتى دۈشەنبە ئېلان قىلغان مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، شەھەردە جەمئىي 12 كىشىنىڭ خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان. بۇنىڭ ئالتىسىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىق بولۇپ، ئالتىسى كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان يۇقۇملانغۇچىلار ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، 10-ئۆكتەبىر كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان ئۈچ يۇقۇملانغۇچى بايقالغان. كېيىن يەرلىك دائىرىلەر بۇ ئەھۋاللارنىڭ بۇ شەھەردىكى كۆكرەك كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ئىككى ئايدىن بېرى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى بولمىغانلىقتىن چىڭداۋ كۆكرەك كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى ۋە چىڭداۋ مەركىزىي دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى تاقىۋېتىلگەن. بىمارلارنى ئايرىۋېتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان جايمۇ تاقالغان.
چىڭداۋنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى 16-ئۆكتەبىردىن 18-ئۆكتەبىرگىچە چىڭداۋدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مەبلەغ سېلىش ۋە سودا يەرمەنكىسىنى كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلغان.
خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، چىڭداۋغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى كەڭ كۆلەمدە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. باشقا ئۆلكە ۋە شەھەرلەردىن چىڭداۋغا كەلمەكچى بولغان ساياھەتچىلەر ئاگاھلاندۇرۇلغان.