جازا لاگېرىدىن چىققانلارنىڭ ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈشى كىشىلەرنى قايغۇغا سالدى

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان بىر سىندا شەرقىي تۈركىستاندىكى بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ قىزىنىڭ ياردىمى بىلەن بىر تېرە، بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان، ئۆزى ماڭالماس ھالەتكە كېلىپ قالغان بىر ئەر كىشىنى يۈدۈپ ئېلىپ مېڭىۋاتقانلىقىدەك ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈش كۆرسىتىلگەن. مەزكۇر سىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆپلەپ تارقىتىلغان بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا خەلقى خىتاينىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەتلىرىدىن خەۋەردار بولۇشقا چاقىرىلغان.

يەنە بىر سىندا بىر نەچچە پارچە سۈرەت كۆرسىتىلگەن بولۇپ، سۈرەتلەردە بىر تېرە، بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان بىر بوۋاينىڭ ئايالى ۋە قىزى بىلەن چۈشكەن سۈرەتلىرى ۋە سىننىڭ ئاخىرىدا قىزىنىڭ قارىلىق تۇرۇپ چۈشكەن سۈرەتلىرى كۆرسىتىلگەن. يەنە بىر سىندا كۆرسىتىلگەن ئوتتۇرا ياشلىق بىر كىشىنىڭ سۈرىتىدە ئۇنىڭ تۈرمىگە سولانغان ۋاقتى ۋە ئۆلۈپ كەتكەن ۋاقتى يېزىلغان.

بۇندىن بۇرۇن مەركىزىمىزگە ئەۋەتىلگەن ئىسپاتلىق سىنلار ۋە جازا لاگېرىدىن چىققان شاھىتلارنىڭ بەرگەن گۇۋاھلىقلىرى خىتاينىڭ جازا لاگېرىغا قامالغانلارنى ئاچ، ئۇسسۇز قويۇش، ئۇرۇش، توك سوقتۇرۇش، تىرناق يۇلۇش، تاجاۋۇز قىلىش، سۇ تۈرمىسىگە قاماش، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن قىيناش، ھەرخىل تەھدىتلەر بىلەن پىسخىكىلىق بېسىم قىلىش قاتارلىق تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز قىيىن-قىستاقلار بىلەن قىينايدىغانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەرگەن ئىدى.

بۇ خىل رەزىل قىلمىشنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتە ئاشكارىلانغاندىن كېيىن خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ تەربىيەلەش مەركىزى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ،كۈچلۈك دەلىل-ئىسپاتلار خىتاينىڭ يالغانچىلىقىنى ئاشكارىلاپ بەرمەكتە.

https://www.facebook.com/100034398679054/posts/370495194107100/?extid=0&d=n https://www.facebook.com/100011709723630/posts/1207504722983174/?extid=0&d=n

بۇ خەۋەر 4119 قېتىم كۆرۈلدى
13/10/2020 15:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق