خىتاي «ھەج ئىشلىرىنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تەدبىرى»نى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى بىرلىك سەپ بۆلۈمى 12-ئۆكتەبىر «مۇسۇلمانلارنىڭ ھەج ئىشلىرىنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تەدبىرى»نى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئىسلام جەمئىيىتى»دىن باشقا ھېچكىمنىڭ ھەج پائالىيىتىنى تەشكىللىيەلمەيدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن.

مەمۇرىي باشقۇرۇش تەدبىرى يەتتە باب، 42 ماددا بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇسۇلمانلارنى ھەج- تاۋاپ پائالىيىتىنىڭ چوقۇم قانۇن بويىچە بولۇشى كېرەكلىكى، خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ھەج پائالىيىتىنى تەشكىللەيدىغان بىردىنبىر تەشكىلات ئىكەنلىكى، ئەگەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالار ھەجگە بارماقچى بولسا، چوقۇم دائىرىلەر تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاندىن خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى تەشكىللىگەن پائالىيەتلەرگە قاتناشسا بولىدىغانلىقى، ھېچقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ ئىبادەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللىيەلمەيدىغانلىقى، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇن بويىچە جازالىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

مەمۇرىي تەدبىرىدە يەنە ھەجگە بېرىشنى خالايدىغان كىشى دىنىي ئىشلار تارمىقىغا ئالدىن تىزىملىتىشى كېرەكلىكى، تىزىملىكنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن قەدەممۇ قەدەم تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن تەستىقلىنىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەر، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان بولۇشى بىرىنچى ئاساسلىق شەرت قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، «ھەج ئىشلىرى مەمۇرىي تەدبىرلىرى»نى خىتايدىكى سەككىز چوڭ مىنىستىرلىك بىرلىكتە تارقاتقان بولۇپ، ئۇلار ئاتالمىش دۆلەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىكى، دۆلەتلىك سەھىيە كومىتېتى، تاموژنا باش ئىدارىسى، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە خىتاي خەلق ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىكەن. بۇ مەمۇرىي باشقۇرۇش تەدبىرى بۇ يىل 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىكەن.

ئەمەلىيەتتە خىتاي مەزكۇر «ھەج ئىشلىرىنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تەدبىرلىرى»نى شەرقىي تۈركىستاندا قاتتىق ئىجرا قىلىۋاتقىنىغا 10 نەچچە يىل بولغان بولۇپ، ئۆز ئالدىغا ھەج قىلغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئېغىر جازالىنىپ كەلگەن. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ مەزكۇر تەدبىرنى قانۇنلاشتۇرۇشى خىتاي مۇستەملىكىسىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە.

https://www.voachinese.com/a/China-tightens-hajj-trips-20201012/5618409.html
بۇ خەۋەر 3734 قېتىم كۆرۈلدى
13/10/2020 15:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق