شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى ئەرزىنجان ۋالىسى بىلەن كۆرۈشتى

12-ئۆكتەبىر شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت ئەرزىنجان ۋالىسى مەھمەت ماكاس بىلەن كۆرۈشتى.

شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان مەھمەت ماكاس ئەپەندىنىڭ زەيتىنبۇرنۇ ھاكىمى بولغان ۋاقتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرخىل مەسىلىلىرىگە كېچە-كۈندۈز دېمەستىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەنلىكىنى، بۇ قېتىم ئىستانبۇلغا زىيارەتكە كەلگەندە يەنە ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇپ قالماي، ئاتايىن كۆرۈشكەنلىكىنى ئېيتىپ، رەھمىتىنى بىلدۈردى.

ئۇچرىشىشتىن كېيىن ھەيئەت ئەرزىنجان ۋالىسى مەھمەت ماكاسقا كۆڭۈل سوۋغىسى تەقدىم قىلدى.

https://www.facebook.com/photo?fbid=1252008595166774&set=pcb.1252013045166329
بۇ خەۋەر 7996 قېتىم كۆرۈلدى
13/10/2020 14:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق