سىن كۆرۈنۈشلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاملىق مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردا ئامېرىكىنىڭ سىكېچېرس (Skechers) ماركىسىنىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىدىكى بىر قىسىم تارماق ئاياغ زاۋۇتلىرىدا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئوخشاش خىزمەت فورمىسى كىيىپ ئولتۇرۇپ، خىتايلار بىلەن بىللە ئىشلەۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

بۇ سىنلار ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىزچىل ھالدا شەرقىي تۈركىستاندىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ياكى باشقا يۇرتلارغا سۈرگۈن قىلىنىۋاتقانلىقىنى، «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا خىتايلارنىڭ زاۋۇتلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىپ، قۇل ئورنىدا ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

بۇندىن بۇرۇنقى خەۋەر ۋە دوكلاتلاردا سىكېچېرس شىركىتى ئىشلەپچىقارغان ئاياغ مەھسۇلاتلىرىنىڭ خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتى بىلەن ئالاقىدار ئىكەنلىكى كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنغان ئىدى.

خىتاي بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرلىرىغا سولىسا، يەنە بىر تەرەپتىن زور تۈركۈمدىكى خەلقنى خىتايغا سۈرگۈن قىلىپ، تۆۋەن مائاش بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەككە سالماقتا. ئۇلارنىڭ ئورنىغا بولسا خىتايلارنى يۆتكەپ ئەكېلىپ، يۇقىرى مائاش، ھەقسىز ئۆي، يەرلەرنى بېرىپ يەرلەشتۈرمەكتە. خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرى خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغاپ كەلگەن بولسىمۇ، خىتاي دەلىل-ئىسپاتلار ئالدىدا ئۆز قىلمىشىنى ئىنكار قىلىپ كەلمەكتە.

https://www.facebook.com/100034398679054/posts/371547247335228/?extid=0&d=n

بۇ خەۋەر 3815 قېتىم كۆرۈلدى
12/10/2020 17:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق