ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قارىتىلغان مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش داۋاملاشماقتا

خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نوپۇسىنى قاتتىق كونترول قىلىش ئۈچۈن ئۇزۇن يىللاردىن بېرى «پىلانلىق تۇغۇت» نامى ئارقىلىق مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيەسىنى يولغا قويۇپ كەلگەن ئىدى. خىتاينىڭ بۇ جىنايىتى خەلقئارا جەمئىيەتتە ئاشكارىلىنىپ، قارشىلىق سادالىرى كۈچەيگەن بولسىمۇ، خىتاي ئىزچىل تۈردە بۇ جىنايىتىنى ئىنكار قىلىپ، ئالاقىدار سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

يېقىندا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان بىر سۈرەتتە «يېزىلاردىكى پىلانلىق تۇغۇت شەرەپ گۇۋاھنامىسى ئالغان ئائىلىلەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بوغدۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرسا، بىر قېتىمدىلا 4000 يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ» دېگەن ئېلان تاختىسى كۆرسىتىلگەن. مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، بۇ خىل ئېلانلارنىڭ خەلقىنىڭ رايىنى سىناش ئۈچۈن ئېسىلغانلىقىنى، ئېلاننى كۆرۈپ ئاكتىپلىق بوغدۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرمىغانلارنىڭ تۈرلۈك ساغلاملىق تەكشۈرۈش باھانىلىرى بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ، مەجبۇرىي ھالدا تۇغماس قىلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەردى.

2014-يىلىدىن باشلاپ جازا لاگېرى سىياسىتىنى كۈچەپ ئىجرا قىلىۋاتقان خىتاي دائىرىلىرى مىليونلىغان ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە سولاپ، ھەرخىل دورا-ئوكۇللار ۋە بوغدۇرۇش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق مەجبۇرىي ھالدا تۇغماس قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن تۈرلۈك دورا-ئوكۇللار ئارقىلىق ئەرلەرنىڭ ئەۋلاد قالدۇرۇش ئىقتىدارىنىمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتماقتا.

https://www.facebook.com/100034398679054/posts/371165110706775/?extid=0&d=n

بۇ خەۋەر 4040 قېتىم كۆرۈلدى
12/10/2020 17:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق