ئامېرىكا-خىتاي يېڭى كىرىزىسى: كىيمە چاچلارنىڭ ئۇيغۇرلاردىن ئېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە «كالېندار» تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىدا ئىككى يېرىم مىليارد دوللارلىق بازىرى بار ۋە ئاياللارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن «قارا ئالتۇن» دەپ ئاتىلىدىغان كىيمە چاچلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلارغا تەۋە ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇ قېتىم ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان پەن-تېخنىكا جىددىيچىلىكىگە كىيمە چاچلار قوشۇلغان. ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكى ئامېرىكىنىڭ زور كۆلەملىك چاچ مەھسۇلاتلىرى سودىسىدىكى چاچ مەنبەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلارغا تەۋە ئىكەنلىكىنى بايقىغانلىقىنى قەيت قىلغان. شۇنداقلا سودا مىنىستىرلىكىنىڭ خىتاي ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنى تەكشۈرگەنلىكىنى ۋە بۇ مەسىلىدە خىتاينى ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى يېقىنقى ئايلاردا خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان 800 مىڭ دوللار قىممىتىدىكى 13 توننا چاچنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

https://www.takvim.com.tr/dunya/2020/10/10/abd-ile-cin-arasinda-yeni-kriz-peruklar-uygur-turklerine-ait
بۇ خەۋەر 3460 قېتىم كۆرۈلدى
12/10/2020 17:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق