يېقىندا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان بىر سىندا بىر ئۇيغۇر ئۆسمۈرنىڭ سىنىپىدا يىغلاۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرىغا قامىشى نەتىجىسىدە نۇرغۇنلىغان سەبىي بالىلار ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، خۇشاللىقتىن ئايرىلغان ھالدا ياشىماقتا. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بولسا مەجبۇرىي خىتاي مائارىپى ئاستىدا ئۇيغۇر بالىلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ، خىتاي مەدەنىيىتى بويىچە يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن قاتتىق كۈچىمەكتە.