ئۇيغۇرلار كۆز ياشلىرى بىلەن گۇۋاھلىق بەرمەكتە

خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتى داۋاملىق ئىجرا قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقى تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق جازا لاگېرلىرىغا ۋە تۈرمىلەرگە قامالغان ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرمەكتە.

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە تارقالغان سىنلاردا بىر قىسىم ئۇيغۇرلار قوللىرىدا ئاتا-ئانىسىنىڭ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ رەسىملەرنى تۇتۇپ، ئۈنسىز يىغلاۋاتقان كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئېغىر ۋەزىيەتتە قالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

خىتاي دائىرىلىرى يالغان تەشۋىقاتلىرىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خۇشال-خۇرام ياشاۋاتىدۇ، دەپ جار سېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن توختىماي چىقىۋاتقان ئىسپاتلار خىتاينىڭ ھەقىقىي يۈزىنى ئېچىپ بەرمەكتە.



https://www.facebook.com/100034398679054/posts/370113967478556/?extid=0&d=n

 

بۇ خەۋەر 3787 قېتىم كۆرۈلدى
09/10/2020 16:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق