جازا لاگېرىغا كىرگەنلەر ساق چىقالمايۋاتىدۇ

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان بىر سىندا 50 ياشلاردىكى بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ ساق ۋاقتىدىكى سۈرىتى ۋە لاگېردىن چىققاندىن كېيىنكى دوختۇرخانىدا يېتىۋاتقان ھالىتى كۆرسىتىلگەن. تونۇيدىغان كىشىلەرنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىچە، مەزكۇر ئايال بۇندىن بۇرۇن جازا لاگېرىغا سولانغان بولۇپ، چىققاندىن كېيىن دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغان ۋە يېقىندا قازا قىلغان.

يېقىنقى نەچچە يىل ئىچىدە ئاشكارىلانغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، شەرقىي تۈركىستاندىكى نامدا «تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتالغان جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلار تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز قىيىن-قىستاقلارغا ئۇچرىغان، نامەلۇم دورا ئىستېمال قىلىشقا مەجبۇرلانغان. لاگېردىن چىققانلارنىڭ بولسا سالامەتلىكىدە ئېغىر مەسىلە كۆرۈلگەن بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرمۇ كۆپلەپ تارقالغان.

گەرچە خىتاي جازا لاگېرلىرىنى تاقىغانلىقىنى، %90 ئۇيغۇرنىڭ ئائىلىسىگە قايتقانلىقىنى توختىماي جار سالسىمۇ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىۋاتقان سىنلار خىتاينىڭ يالغانچىلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزچىل تۈردە لاگېر ئازابىنى تارتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

بۇ خەۋەر 3498 قېتىم كۆرۈلدى
09/10/2020 16:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق