خىتاي ئۇيغۇرلارغا قاراتقان جىسمانى جەھەتتىكى ۋە روھى جەھەتتىكى زۇلۇمنى داۋاملاشتۇرۋاتىدۇ .

بۈگۈن ئىجتىمائىيى ئۇچۇر ۋاستىلىردا تارقالغان سىندىن مەلۇم بولىشىچە ، سىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەلۇم بىر يىزىسىدىكى چوڭ مەيداندا ياش ، ئوتتۇرا ياش ، ياشانغانلاردىن تەركىپ تاپقان بىر تۈركۈم ئەر ئاياللارنىڭ ھاشارغا سىلىنغانلىقى ۋە ھاشارغا سىلىنغان خەلىقنىڭ چۈشلۈك تاماق ئورنىدا بىردىن قۇرۇق نان يەپ ئولتۇرغانلىقى كۆرسىتىلگەن .

خىتاي تاجاۋۇسچىلىرى يىقىنقى يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندا « نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نامىدا بىر تۈركۈم خەلىقنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە سۈرگۈن قىلسا يانا بىر تۈركۈم خەلىقنى ھەر تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن مەجبۇرى ئەمگەككە سىلىپ روھى ۋە جىسمانى زۇلۇم قىلىۋاتىدۇ .


https://www.facebook.com/100011709723630/posts/1203467973386849/?extid=0&d=n

بۇ خەۋەر 3489 قېتىم كۆرۈلدى
08/10/2020 19:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق