مەھبۇبە ئابلا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى

ئاۋىستىريەدە ياشاۋاتقان مەھبۇبە ئابلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئاتا-ئانىسى، قېرىنداشلىرى ۋە بىر نەچچە ئۇرۇق-تۇغقىنى ئۈچۈن گۇۋاھلىق بەردى.

مەھبۇبە ئابلا گۇۋاھلىقىدا ئىنىسى ئادىلجان ئابلانىڭ 2017-يىلى سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنىپ، جازا لاگېرىغا قامالغانلىقىنى، كېيىن بەش يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى، ئاپىسى پەيزۆھرە ئۆمەرنىڭمۇ 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ، جازا لاگېرىغا سولانغانلىقىنى، كېيىن 19 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى، دادىسى ئابلاجان ھەبىبۇللانىڭمۇ ئوخشاشلا 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ، ئىككى يىل ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكىنى ۋە 2019-يىلىغا كەلگەندە سەككىز يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىق خەۋىرىنى ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەھبۇبە ئابلا گۇۋاھلىقىدا يەنە نەۋرە ھەدىسى گۈلباھار مەمەتنىڭ 2017-يىلى سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنىپ، جازا لاگېرىغا سولانغانلىقىنى، 2018-يىلىغا كەلگەندە 18 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى، نەۋرە ئىنىسى شەپقەت توختاسۇننىڭ 2016-يىلى مىسىردا ئوقۇغانلىقىنى ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئائىلىسىگە بېسىم قىلىشى نەتىجىسىدە 2017-يىلى ئائىلىسىگە قايتىش جەريانىدا بېيجىڭ ئايرودۇرۇمدا يوقاپ كەتكەنلىكىنى ۋە كېيىن شەپقەتنىڭمۇ 18 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈردى.

https://www.facebook.com/100000757563782/posts/3343855535649666/?extid=0&d=n

بۇ خەۋەر 3462 قېتىم كۆرۈلدى
08/10/2020 19:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق