يەكەندىن بىر تۈركۈم ئۇيغۇر سۈرگۈن قىلىندى

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نامى بىلەن يەكەن شەھىرىدىن يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى تۇرپان شەھىرىگە سۈرگۈن قىلغان.

سىنلاردا كۆرسىتىلىشىچە، سۈرگۈن قىلىنغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىق ئەر-ئاياللار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى چوڭ سەپەر سومكىسى ۋە يۈك-تاقلىرىنى ئېلىپ ماڭغان. يولۇچىلار بېكىتىدە پويىز ساقلاپ تۇرغان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ چۈشكۈن ھالىتىگە قارىغاندا، ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي ھالدا تۇرپان شەھىرىگە سۈرگۈن قىلغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

خىتاي يېقىنقى بەش يىلدىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى ئازايتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىپ، ئورنىغا خىتايلارنى يۆتكەپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 3444 قېتىم كۆرۈلدى
08/10/2020 19:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق