ئۇيغۇر خەلقى داۋاملىق ھاشارغا سېلىنماقتا

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان بىر سىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەلۇم بىر شەھىرىدىكى چوڭ بىر مەيداندا ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردىن تەركىب تاپقان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا سېلىنىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ ئېغىر ئەمگەك تۈپەيلى ھالىدىن كەتكەنلىكى، مەجبۇرىي ئىشلەۋاتقانلىقىنىڭ چىرايىدىن چىقىپ تۇرىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خىتاي يېقىنقى نەچچە يىل ئىچىدە مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرلىرىغا قاماشتىن سىرت، لاگېر ئىچى-سىرتىدىكى خەلقنى تۈركۈملەپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ، خەلقئارادا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. بۇلاردىن سىرت دېھقان-چارۋىچىلارمۇ تۈرلۈك ھاشارلارغا سېلىنىپ، نورمال ھايات كەچۈرۈشى قىيىنغا توختىماقتا.

بۇ خەۋەر 3230 قېتىم كۆرۈلدى
07/10/2020 17:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق