شەرقىي تۈركىستاندا سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىش داۋاملاشماقتا

خىتاي دائىرىلىرى 2014-يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندا «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدا مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىپ، جازا لاگېرلىرىغا سولاپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈشكە باشلىغان.

خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرى خەلقئارا جەمئىيەتتە ئاشكارىلانغاندىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى جازا لاگېرىنىڭ تاقىۋېتىلگەنلىكىنى، ئۇ يەرگە كىرگەنلەرنىڭ ئەسەبىي ئىدىيەدىن قۇتۇلۇپ، كەسپىي تەربىيەلەنگەنلىكىنى ئىزچىل دەۋا قىلىپ كەلگەن ئىدى. لېكىن شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن ئاز ساندىكى قىممەتلىك دەلىل-ئىسپاتلار خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان بىر ئاۋازلىق سۆزلىشىش خاتىرىسىدە بىر ئاتۇشلۇق ئۇيغۇر ئايال ھاممىسىنىڭ يولدىشىنى مەھەللە كومىتېتىدىن «سورايدىغان گەپ بار» دەپ چاقىرتىپ ئەكىرىپ كەتكەنلىكىنى، ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ جەسىتىنى چىقىرىپ بەرگەنلىكىنى، ھەتتا ئائىلىسىگە جەسەتنىمۇ بەرمەي، ئۇدۇللا يەرلىككە قويۇۋەتكەنلىكىنى، ئۆلۈپ كەتكەن كىشىنىڭ ئۈچ بالىسى بارلىقىنى، بۇ خىل ئىشلارنىڭ تۈگىمەيۋاتقانلىقىنى، ھىچكىمنىڭ ئۇلارغا ئىگە چىقمايۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

https://www.facebook.com/rabiye.abla/videos/1213434012374638

بۇ خەۋەر 3075 قېتىم كۆرۈلدى
07/10/2020 16:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق