شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاياللار ئەرلەرگە ئوخشاش ئىشلەشكە مەجبۇر بولماقتا

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەرلەرنى قېرى-ياش دېمەستىن، ھەرخىل باھانىلەر بىلەن جازا لاگېرىغا سولىغانلىقى سەۋەبلىك يۆلەنچۈكسىز قالغان ئۇيغۇر ئاياللىرى ئائىلىدىكى پۈتۈن يۈكنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىپ، ئېغىر ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇر بولماقتا.

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان بىر سىندا بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ قاسساپخانىدا خېرىدارغا گۆش كېسىپ بېرىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇ كۆرۈنۈشتىن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۆز ئائىلىنى قامداش ئۈچۈن ئەرلەرنىڭ ئىشلىرىنى قىلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

بۇندىن بۇرۇن تارقالغان سىن ۋە سۈرەتلەردىمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ماشىنا رېمونت قىلىۋاتقانلىقى، ئۆي سېلىۋاتقانلىقى، يۈك توشۇۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قانچىلىك قىيىن كۈنگە قويغانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەرگەن ئىدى.

بۇ خەۋەر 2877 قېتىم كۆرۈلدى
07/10/2020 16:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق