ئىلى دەرياسىدىن خىتاينىڭ جىنايەتلىرى ھەققىدىكى ئىسپاتلار ئېقىپ كەلدى

ئۆز خەۋىرىمىز: قازاقىستاندىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان دىنغا قارشى جىنايىتىگە ئالاقىدار ئىسپاتلار ئىلى دەرياسى ئارقىلىق تاشقى دۇنياغا يېتىپ كەلگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، قازاقىستاننىڭ ياركەنت شەھىرىگە تەۋە بىر مەھەللىدىكى دەرياغا بىر نەچچە قۇرئان كەرىم ۋە دىنىي كىتابلار ئېقىپ كەلگەن بولۇپ، بۇلارنى يەرلىك پۇقرالار سۈزۈۋالغان.

سۈزۈۋالغۇچىلارنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، مەزكۇر دەريا سۈيى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىلى دەرياسىدىن ئېقىپ كېلىدىغان بولۇپ، بۇ كىتابلارنى ئىلى دەرياسى بويىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تاشلىۋەتكەن بولۇش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەن. كىتابلار سۇ ئۆتۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بىر نەچچە قات پىلاستىك خالتىغا ئوراپ قاچىلانغان بولۇپ، ئېغىزى چىڭ بوغۇۋېتىلگەن، ئارقىدىن يەنە يەشىككە قاچىلىنىپ دەرياغا تاشلىۋېتىلگەن.

كىتابلارنى سۈزۈۋالغانلار بۇ كىتابلارنى جامائەتنىڭ ئوقۇپ پايدىلىنىشى ئۈچۈن مەسچىتكە تەقدىم قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

خىتاي 2014-يىلىدىن تارتىپ ئىسلام دىنىنى پۈتۈنلەي چەكلەشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆيلىرىنى ئاقتۇرۇپ، دىنىي كىتاب ساقلىغانلارنى تۇتقۇن قىلغان، لاگېرلارغا قامىغان، ھەتتا سەككىز يىلدىن 15 يىلغىچە كېسىۋەتكەن ئىدى. شۇنداقلا قۇرئان كەرىم ۋە باشقا دىنىي كىتابلارنى، جاينامازلارنى كۆيدۈرگەن ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەر بۇندىن بۇرۇن جازا لاگېرىدىن قۇتۇلۇپ چىققان بىر نەچچە پىدائىي كىشىلەرنىڭ خىتاينىڭ جىنايەتلىرىگە گۇۋاھلىق بەرگەنلىكىنى، ئىلى دەرياسىدىن قازاقىستانغا ئېقىپ كىرگەن قۇرئان كەرىمنىڭ بولسا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى دىنغا قارشى جىنايەتلىرى ۋە باستۇرۇشلىرىنىڭ يەنە بىر كۈچلۈك ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

https://www.youtube.com/watch?v=vxahRY0MueQ&feature=youtu.be
بۇ خەۋەر 3208 قېتىم كۆرۈلدى
06/10/2020 14:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق