ياشانغانلارمۇ مەجبۇرىي خىتاي تىلى ئۆگەنمەكتە

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مائارىپى پۈتۈنلەي يوقىتىلىپ، باشلانغۇچتىن ئالىي مەكتەپكىچە بولغان دەرسلىكلەر خىتايچىغا ئۆزگەرتىلگەن ئىدى. ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلىق پاكىتلار خىتاينىڭ بۇنىڭغىمۇ رازى بولماي، نامدا «ئەركىن ياشاۋاتقان» ئۇيغۇرلارنىڭمۇ كېچە-كۈندۈز دېمەستىن، خىتاي تىلى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەرگەن ئىدى.

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان يەنە بىر سىندا 70-80 ياشلارغا كىرىپ قالغان ياشانغان بىر ئۇيغۇر موماينىڭ خىتاي تىلى ئۆگىنىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇ كۆرۈنۈشلەر شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي تىلى مائارىپىنىڭ ياشلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ياشانغانلارغىمۇ مەجبۇرىي تېڭىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
مەنبە:

https://www.facebook.com/100034398679054/videos/pcb.367596397730313/367578314398788
بۇ خەۋەر 3056 قېتىم كۆرۈلدى
06/10/2020 14:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق