ئابدۇلھېكىم مەخسۇم ھاجىمنىڭ ئوغلى ئابدۇقەييۇم ھاجىم خىتاي تۈرمىسىدە شېھىت قىلىندى

تۈركىستان ۋاقتى تورىنىڭ 30-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى مەشھۇر ئۆلىمالاردىن بىرى بولغان مەرھۇم ئابدۇلھېكىم مەخسۇم ھاجىمنىڭ ئوغلى ئابدۇقەييۇم ھاجىم خىتاي تۈرمىسىدە شېھىت قىلىنغان.

ئابدۇقەييۇم ھاجىم 1957-يىلى گۇما ناھىيەسىدە مۇجاھىد، ئۆلىما، ئۇستاز ئابدۇلھېكىم مەخسۇم ھاجىم ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئىككى ياش ۋاقتىدا دادىسى ئابدۇلھېكىم مەخسۇم ھاجىم خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

ئابدۇقەييۇم ھاجىمنىڭ دادىسى خىتاي زىندانلىرىدا تۈرلۈك خورلۇق ۋە زۇلۇم تارتقان بولسا، ئابدۇقەييۇم ھاجىم، ئانىسى ۋە ئىككى ئاچىسى بىلەن جەمئىيەتتە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتلەردىن خورلىشىغا ئۇچراش بىلەن بىرگە، پەننىي ۋە دىنىي بىلىملەردە ئوقۇپ، تەربىيەلىنىشتىن مەھرۇم قالغان. دادىسى ئۇستاز ئابدۇلھېكىم مەخسۇم ھاجىم قاماقتىن چىققاندىن كېيىن، 1979-يىلىدىن باشلاپ تاكى ۋاپات بولغانغا قەدەر دادىسىدىن تەلىم-تەربىيە ئېلىپ، خېلى يېتىشكەن ئۆلىما بولۇپ قالغان. دادىسى ئابدۇلھېكىم مەخسۇم ھاجىم تۇيۇقسىز ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن ئىزچىل دادىسىنىڭ خىزمەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ قولىدىن كېلىشىچە قاغىلىق خەلقىنىڭ دىنىي خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىپ كەلگەن.

ئابدۇقەييۇم ھاجىم 2017-يىلى ئائىلە بويىچە خىتاي تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇنىڭ ئۆيلىرى ۋە ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى ئۇستاز ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىم باشچىلىقىدا سېلىنغان مەسچىت چېقىپ تۈزلىۋېتىلگەن.

ئابدۇقەييۇم ھاجىم دادىسىدەك كىچىك پېئىل، خۇشخۇي، ۋەتەنپەرۋەر ئۆلىما، جامائەت ئەربابى ئىدى. ئىشەنچلىك مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئابدۇقەييۇم ھاجىمنىڭ 2020-يىلى 8-ئايلار ئەتراپىدا تۈرمىدە شېھىت بولۇپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

بۇ خەۋەر 3123 قېتىم كۆرۈلدى
05/10/2020 15:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق